زۇكام تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ تۆۋەنىكى ئۇسۇللارنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندا ، ئۇكۇل ئۇرماي ، دورا يىمەيمۇ زۇكامدىن ساقلانغىلى بولىدۇ

 

          1.ھەر كۈنى ئەتتىگەندە سوغاق سۇدا يۈز يۇيۇش، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىسسىق سۇدا پۇتنى يۇيۇش .

           2.ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن ، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش .

            3.ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئازراق تۇز سېلىنغان سۇ ياكى چايدا ئېغىزنى چايقاش .

            4.ھەر كۈنى ئەتىگن 10~20مىنۇتقىچە ئاستا (سەل-پەل تەرلىگۈچە) يۈگۈرۈش.

            5.ھەر كۈنى ئەتتىگندە بىر باش سۇڭپىيازنى يۇمشاق ئېزىپ پۇراش ياكى بىر بوتۇلكا ھاراقنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ كۈنىگە نەچچە قېتىم پۇراش .

            6.دائىم خام سامساق يەپ بېرىش ، بولۇپمۇ يۇقۇملۇق زۇكامدىن تارقالغان مەزگىلدە خام سامساق يېيىشنى ئۈزۈلدۈرمەسلىك .

            7.قىش ، ئەتىياز پەسىللىرى تۇرۇپ شورپىسىغا ئازراق قايناقسۇ قۇيۇۋېتىپ ئىچىش ، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن قايناق سۇغا ئازراق زەنجىۋىل ، قارا شېكەر قوشۇپ چاي ئورنىدا ئىچىش .

            8.يۇقۇملۇق زۇكام تارقالغانلىقىنى بايقىغان ھامان ئاچچىقسۇغا چىلانغان پاختا بىلەن بۇرۇن تۆشۈكچىسىنى كۈنىگە 2~3قىېتىم سۈرتۈش.

            9.كېلىماتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن سەھەر ، چۈش ۋە كەچقۇرۇن كېيىنىشكە دېققەت قىلىش ، تەرلىگەندە كېيىمنى بىراقلا سېلىۋەتمەسلىك .

            10.يۇقۇملۇق زۇكام تارقالغاندا ، ئاممىۋى سورۇنلارغا بارماسلىق . ھەر ۋاقىت قولنى يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا چوڭ مېڭىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى نائۇشنىكتا ئۇزاق مۇددەت ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ ئاڭلاش ئىقدارىغا يەتكۈزىدىغان زىي توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .