تۆۋەندە چوڭ مىڭىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قانچە ئامىللارنى تونۇشتۇرىمىز

        ئۇزاق مەزگىل تاماقنى كۆپ يەپ، توق يۈرۈش - بۇ مېڭە قان تۇمۇرلىرى قېتىشىش، مېڭە بالدۇر قېرىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدار چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 


        ئەتىگەنلىك تاماققا سەل قاراش - ئەتىگەنلىك تاماق يىمىگەندە قاندىكى قەنت مىقتارى تۆۋەنلەپ، چوڭ مېڭىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ.


        تاتلىق يېمەكلىك مىقتارى ئېشىپ كېتىش - تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغان بالىللارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. چۈنكى تاتلىق يېمەكلىكنى بەك كۆپ يىگەندە بەدەننىڭ يۇقىرى ئاقسىل ۋە كۆپ خىل ۋېتامىننى قۇبۇل قىلىشى تۆۋەنلەپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچىرايدۇ.


        ئۇزاق مۇددەت تاماكا چېكىش - داۋاملىك تاماكا چېكىش مېڭە توقۇلمىلىرىنىڭ ئۆشىمىغان دەرىجىدە يىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قېرىش خاراكتېرلىك دېۋەڭلىك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.


        ئۇيقۇسى قانماسلىق - چوڭ مېڭە ھارغۇنلىغىنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى - ئۇخلاش، ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇسى قانمىغاندا ياكى ئۇيقىنىڭ سۈپىتى ناچار بولغاندا، مېڭە ھۈجەيرىسى ئاجىزلاپ چېكىنىپ كېتىدۇ.


        زىيادە كەم سۆزلۈك - مەنتىقىلىق گەپ سۆزلەرنى كۆپ قىلىش، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.


        ھاۋا بۇلغىىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراش - چوڭ مېڭە بەدەندىكى ئوكسىگىنغا بولغان ئېھتىياجى ئەڭ يۇقىرى ئەزا. ئوكسىگىننىڭ تەمىنلىشىشى يېتەرلىك بولغانندىلا، چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.


        باشنى پۈركەپ ئۇخلاش - باشنى پۈركەپ ئۇخلىغاندا، يوتقان ئىچىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد ئۆرلەپ، ئوكسىگىن مىقتارى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇزاق ۋاقىت نەم ھاۋادا نەپەسلىنىشنىڭ چوڭ مېڭىگە زىيىنى ئىنتايىن زور.


        مېڭە ئىشلىتىشنى خالىماسلىق - تەپەككۇر قىلىش چوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. مېڭە ئشلىتىشنى خالىمىغاندا مېڭە ئىقتىدارى چېكىنىپ، ئەقىللىق ئادەممۇ دۆتلىشىپ كېتىدۇ.

        ئاغىرىققا چىداپ مېڭە ئىشلىتىش - بەدەن بىئارام بولغان ياكى ئاغىرىپ قالغاندا بەرداشلىق بېرىپ ئۆگەنگەن ياكى خىزمەت قىلغاندا، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن چوڭ مېڭىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مېڭىنى ئىشلىتىپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يىل بويى زۇكام بولماسلىقنىڭ ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .