تەتقىقاتلاردا ئىنسانلارنىڭ قېرىشى چوڭ مېڭىدىن باشلىنىدىغانلىقى بايقالغان چوڭ مېڭە پۈتۈن ئورگانىزىمنى باشقۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا قۇماندانلىق قىلىدىغان ئەزا بولۇپ، ئۇنىڭ فېزولوگىيىلىك، پىسخولوگىيىلىك ماسلىشىش زېھنىنى ئېچىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ رولى بار

            چوڭ مېڭە 15 مىليارد نېرۋا ھۈجەيرىسىدىن تەركىپ تاپقان. ئۇلار توختىماي ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ، كىشىنى ئەستە قالدۇرۇش، تەسەۋۋۇر قىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىجاد قىلىش، ئاڭلاش ، سۆزلەش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوڭ مېڭە ئادەتتە مۇشۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ %10 نىلا ئىشلىتىدۇ، قالغانلىرى دەم ئېلىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىنسانلار 10 ياشقا كىرگەندىن كېيىن ھەر 10 يىلدا يۇقىرى تەپەككۇرنى كونتىرول قىلىدىغان تەخمىنەن %10 نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ يىگىلەپ ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقىنى، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئۆز ئارا سۆزلىشىشتىن ھاسىل بولغان ئۇرچۇقسىمان ھالەت تەدرىجىي كىچىكلەش بىلەن بىللە، ئۆز ئارا يىرىڭلارنى كۆپەيتىپ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇچۇرلارنىڭ يەتكۈزۈلۈش سۈرئىتىمۇ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ %10 تىن %20 كىچە ئاستىلاپ بارىدۇ. تىرىك مېڭە ھۈجەيرىلىرى مۇۋاپىق غىدىقلانسا قايتا ياشىرىدۇ.

              ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ئاجىز ياكى كۈچلۈك بولىشى، ئاساسلىق، تىرىك مېڭە ھۈجەيرە شاخلىرى جايلىشىشىنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىگە باغلىق. شۇڭا ياشانغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، فېزولوئوگىيە جەھەتتىكى قېرىش تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ جىددىي ئاجىزلىشىپ كىتىشىدىكى مۇھىم سەۋەپ بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىم سەۋەپ چىنىقىشنىڭ كەم بولىشى ۋە مېڭىنى ئىشلەتمەسلىكتۇر.


             ئېلىمىزنىڭ داڭلىق جوڭگوچە داۋالاش مۇتەخەسسىسى جۇ ۋېيجۈننىڭ قارىشىچە، ئۆز كەسپىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىكى خوشاللىق ۋە ئۆز كەسپىگە بېرىلىشتەك ياخشى روھى ھالەت ۋە شۇ سەۋەبلىك ئورگانىزىمنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى ئىنسانلارنىڭ ساغلام بولىشى، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەن. نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىسى ئىجادىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ساغلام نېرۋىلىق كىشىلەر تىپىغا كىرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىمۇ ئاجىزلاشمايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا چاچ ئادەم بەدىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن بىشارەت بېرەلەيدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چوڭ مېڭىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .