ئادەمنىڭ يېمەك- ئىچمىكى مۇۋاپىق بولمىسا ياكى بەدەندە داۋالاش زۆرۈر بولغان كېسەل بولسا، چاچ بۇنىڭ تەسىرىگە ئەڭ بۇرۇن ئۇچرايدۇ؛ شۇڭا چاچ ئادەم بەدىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن دەل ۋاقتىدا بىشارەت بېرەلەيدۇ

 چاچ شالاڭلىشىش-- قالقانسىمان بەز ئاجرالمىلىرىنىڭ زىيادە كۆپەيگەنلىكىنىڭ ياكى زىيادە ئازايغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. قالقانسىمان بەز ئاجرىتىپ چىقارغان گورمون بەدەندىكى زور مىقتاردىكى ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. بۇ، چاچنىڭ ئۆسۈشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر قالقانسىمان بەز ئاقسىلنىڭ ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتسە،چاچ چۈشۈپ ۋە شالاڭلىشىپ كېتىدۇ.


  چاچ چۈشۈش-- تۆمۈر كەملىكنىڭ ئالامىتىدۇر. تەبىئىي دەۋر ئالمىشىش سەۋەبلىك كۈنىگە نۇرغۇن چاچ چۈشۈپ تۇرىدۇ. لېكىن چاچنىڭ چۈشۈش سۈرئىتى تېزلەشسە، تۆمۈرنىڭ كەملىكىنى كۆرسىتىدۇ.


  چاچنىڭ يۇمشاق، جانسىز، قۇرغاق بولۇشى-- بەدەندە سۇ كەملىكنىڭ ئالامىتىدۇر. ساغلام چاچ ئۆز ئارا ئايرىلىپ، يېيىلىپ تۇرىدۇ، لېكىن ئوزۇقلىنىش مۇۋاپىق بولمىسا، ھەر بىر تال چاچتىكى تۈك خالتىسىنىڭ مولېكۇلا تۈزۈلۈشى سۇ تەركىبلىرىنى ياخشى ساقلىيالمايدۇ. شۇڭا بەدەنگە سۇ تولۇقلايدىغان يېمەكلىلكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا،چاچنىڭ نەملىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.


  چاچنىڭ پاقىراقلىقىنى يوقىتىشى-- بەدەندە ۋىتامىنB كەملىكنىڭ ئالامىتىدۇر. چاچنىڭ پاقىراقلىقىنى يوقىتىشى ۋىتامىن Bنىڭ كەملىكىدىن بولۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىن B كۆپ يېمەكلىكلەردىن ھايۋانات جىگىرى، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، يىرىك گۈرۈچ قاتارلىقلارنى كۆرەك ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، چاچ پارقىراق بولىدۇ.


  چاچنىڭ مايلىق بولۇشى-- سۈتنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. سۈت تەركىبىدىكى ياغ تۈك خالتىسىنىڭ ياغ بېزىگە يېقىنلىشىپ، ياغ ئاجرالمىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.


  چاچ ئۆسمەسلىك-- يېمەكلىكلەرگە نىسبەتەن زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. شۇڭا يېمەكلىكلەرگە نىسبەتەن زىيادە سېزىمچانلىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك. چاچنى پات- پات يۇيماسلىقتىن بولغان چاچتىكى ياغلىق كىرمۇ چاچنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.


  چاچ ئۇچىنىڭ يېرىلىشى-- مىنېرال ماددىلارنىڭ ياكى ۋىتامىنلارنىڭ كەملىكىدىن بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، يېمەك- ئىچمەككە دىققەت قىلىپ، تەركىبىدە ئاقسىل كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، چاچ ئۇچى يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.


  چاچ كېپەكلىشىش-- زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىق زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. ئادەمنىڭ باش تېرىسى ياكى تېرىلىرىدە ئاز مىقتاردا زەمبۇرۇغ بولىدۇ، باش تېرىسىدە كېپەك كۆپ بولغانلاردا بۇنداق زەمبۇرۇغلارنىڭ تارقىلىش نىسبىتى %25تىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ. زور مىقتاردىكى زەمبۇرۇغلار تېرىنى غىدىقلاپ، نۇرغۇن تېرە باكتېرىيىسى پەيدا قىلىدۇ. باش تېرىسىدىكى كېپەكنى ئازايتىشتا، دورىلىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا چاچ ئاقىرىشنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مېڭىنى ئىشلىتىپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .