نۇرغۇن كىشىنىڭ ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىلا چاچلىرى ئاقىرىشقا باشلايدۇ ھەتتا ئەمدىلا 20 نەچچىگە كىرگەن بەزى ياشلارمۇ تۇيۇقسىزلا ئۆزلىرىنىڭ بېشىدا بىر نەچچە تال ئاق چاچنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، دەپ ئەندىشە قىلىدۇ

         چاچنىڭ ئاقىرىشى ئادەتتە قېرىلىق ياكى كىشىلەرنىڭ يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ئەمما بەزى ئەرلەردە 15 ياش ئۆپچۈرسىدىلا تۇنجى ئاق چاچ كۆرۈلىدۇ.

         چاچنىڭ ئاقىرىشىنى ھەر خىل ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن: ئىرسىيەت ئامىلىدىن سىرت، كېسەللىك ئامىلى ۋە روھى ئامىل قاتارلىقلار. ئادەتتە نۇرغۇن كېىسەللىك ئادەم بەدىندە تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىچكى ئاجىرتىش سىستېمىلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چاچ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىدۇ.

        مەسىلەن: كېزىك، قوقاق، بەلباغسىمان قوقاق، ئەسۋە، بەزگەك قاتارلىق كېسەللىكلەر، ھەتتا تارقىلىشچان زۇكاممۇ چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر. ئاەمدە قەنىت كېسىلى، يارىلىق بوغماق ئۆچەي ياللۇغى ۋە قان ئازلىق، ئوزۇقلۇنىشى ناچار بولۇش قاتارلىقلار بولسمۇ، چاچ ئوڭاي ئاقىرىپ كېىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە مەلۇم رادىئاتسىيىلىك نۇر ۋە ئىېغىر سىرتقى زەخمىنىڭ تەسىردىنمۇ چاچ قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كېتىدۇ.

          ئادەتتە زىيادە جىددىيلىك، غەم -قايغۇمۇ چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. بۇنداق ناچار روھي ھالەتلەر ئوڭايلا بەدەننىڭ ئىچكى ئاجىرتىش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتىدۇ. شۇڭا مۇتەخەسىسلەر چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ، روھىي ھالەتنى ئازادە تۇتۇشنى، يېمەكلىكلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى، بولۇپمۇ يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى، شۇنداقلا تەركىبىدە مىس، تۈمۈر، سىنىك، كالتسى ۋە ۋىتامىن b1 ، ۋىتامىن b2 ، ۋىتامىن b6 مول يېمەكلىك ۋە مېۋە كۈكتاتلارنى كۆپپىرەك ئىستېمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا چوڭ مېڭە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇقلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چاچ ئادەم بەدىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن بىشارەت بېرەلەيدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .