سىز سەھەردە ئورنىڭىزدىن تۇرۇشنى ياخشى كۆرەمسىز؟ ياكى يېرىم كېچىگىچە روھىڭىزنىڭ كۆتۈرەڭگە ھالەتتە تۇرۇشنىمۇ؟ سىزنىڭ جاۋابىڭىز بەلكىم سىزنىڭ يېشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بىراق تەتقىقاتلاردىن ئىپادىلىنىشىچە بۇ سىزنىڭ گېنىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن

[يەرشارى تورى ئۇنىۋېرىسال خەۋىرى]
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى خەۋىرى»نىڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەڭ يېڭى تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىنسانلارنىڭ ئۇخلاش ئادىتى ئۆزلىرىنىڭ گېنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەتىگەن تۇرغانلا ساغلام ھەم زىلۋا بولىدىكەن.
 

90مىڭ ئەتىگەن ۋە كەچ ئۇخلايدىغانلارغا قارىتا DNAتەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىلغان ئانالىز تۈرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىنسانلارنىڭ 15خىل گېنى ئۇخلاش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بالدۇر ئۇخلاپ ئەتىگەن تۇرىدىغان كىشلەر كەچ ئۇخلايدىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ زىلۋا، كېلىشكەن بولىدىكەن، بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر ئورنىدىن تۇرغاندا ئاسانلىقچە ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئەنسىزلىككە گىرىپتار بولمايدىكەن. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كىشلەر ئەتىگەن تۇرۇشقا بەكرەك مايىل بولىدىكەن. تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 60ياشتىن يۇقىرى ئەتىگەن تۇرىدىغانلارنىڭ سانى 30ياشتىن تۆۋەندىكىلەرنىڭ 2 ھەسسىسى ئىكەن.

2015-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە، گەرچە ئۇخلاش ۋاقتى ئوخشاش بولسىمۇ، كېيىن ئۇخلىغانلار بالدۇر ئۇخلىغانلارغا قارىغاندا شېكەر سىيىش كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن. بۇ بەلكىم ئۇزۇن مۇددەت كەچ ئۇخلاش ئادەمنىڭ يىمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئادىتىگە تەسىر قىلىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بەدەن سالامەتلىكىگىمۇ تەسىر قىلغانلىقتىن بولسا كېرەك. كېيىن ئۇخلىغانلارنىڭ شېكەر سىيىش كېسىلىگە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بالدۇر ئۇخلىغانلاردىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار، ئەتىگەن تۇرۇپ بالدۇر ئۇخلاش ئىنسانىيەتنىڭ تەدىرجىي تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىغان. بۈگۈنكى قەدەر 6000يىل بولغان تاش قورال دەۋرىدە، يىمەكلىك ئىزدەشكە مەسئۇل بولىدىغان ئىپتىدائىي ئادەم تەبىئىي ھالدا ئەتىگەن تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن، قەبىلىنى قوغداشقا مەسئۇل بولغانلار بولسا كېچىچە تۈنەشكە توغرا كېلەتتىكەن. ئىنسانىيەت تەرەققىي قىلىپ، قوتاندا ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىش ۋە زىرائەتلەرنى تېرىيدىغان دەۋرگە كەلگەندە بولسا، ئەتىگەن تۇرىدىغانلار ئاساسلىق ئەمگەك كۈچىگە ئايلىنىپ، كىشلەرنىڭ نەزىرىدە كېيىن ئۇخلايدىغانلار ئۇنچە ئىشچان ئەمەس دىگەندەك كۆز قاراشلار پەيدا بولغان.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاممىۋى سورۇنلاردىكى قايسى جاي ۋە نەرسىلەردە مىكروب ئەڭ كۆپ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يۈرەكنى قوزغىتىش ئەجەللىك يارىلىنىشنى پەيدا قىلمايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .