سىرتتا يۈرگىنىڭىزدە، ئاممىۋىي سورۇندىكى ھەر قايسى ئۈسكۈنىلەرگە قول تەگكۈزمەيمەن دېيەلمەيسىز، بىراق بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ مەينەتلىك دەرىجىسى سىز ئويلاپ يەتمىگەن دەرىجىدە يۇقىرى بولۇپ، سان-ساناقسىزلىغان مىكروبلار يىغىلغان بولىدۇ، تۆۋەندە سىز ئويلاپمۇ باقمىغان توققۇز ئەڭ مەينەت جاي بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى

1. تىزىملىك-چۈنكى ھېچكىم تىزىملىكنى دېزىنفىكسىيەلىمەيدۇ

2. دورا-دەرمەك قۇتىسى-ئادەتتە ھەممەيلەننىڭ قولى تەگكەن، يەنە كېلىپ ئاسان تازىلانمايدۇ.

3. ئىچىملىك ئۈستىدىكى لىمون ياپراقچىسى-تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا %70 چوڭ ئۈچەي ئېشېرىخىيە باكتېرىيىسىگە ئىگە ئىكەن.

4. كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى-كىيىم ئالماشتۇرۇش جەريانىدا مىكروبلار يۇققان بولىدۇ، كىيىملەردىنمۇ مىكروب يۇقىدۇ.

5. جۈمەك-چۈنكى قولنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى-كېيىن ئۇنىڭغا مىكروبلار يۇقىدۇ.

6. مال سېتىۋېلىش ھارۋىسى-تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا %66 مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىدىكى مىكروبلارنىڭ سانى تازىلىق ئۆيىنىڭكىگە تەڭ ئىكەن.
 

7. ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ كۇنۇپكىسى-تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ھەر بىر ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 1200 يۇقۇملۇق كېسەل مىكروبلىرى ۋە چوڭ ئۈچەي ئېشېرىخىيە باكتېرىيەسى بار ئىكەن.

8. چىنە-قاچا جازىسى-ناۋادا زۇكام ياكى باشقا كېسەلگە يۇقۇملانغان يېقىنلىرىڭىز ئىشلىتىپ قالغان ياكى تۇتۇپ قويغان چىنە-قاچىلارنى ئىشلەتسىڭىز سىزمۇ ئوخشاشلا مىكروبلىنىسىز.

9. پەشتاق لىفىتنىڭ تۇتقۇچىسى-%43 لىفىت تۇتقۇچىدا يۇقۇملۇق كېسەل مىكروبلىرى بار ئىكەن.

10. سودا-ساراي، ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىق ئادەم كۆپ بارىدىغان يەرلەرنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ تۇتقۇچى-ئەلۋەتتە ئىشىك تۇتقۇچىنى بىر كۈندە قانچە ئادەمنىڭ تۇتۇپ ئاچىدىغانلىقىنى بىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز، مەينەتلىكىنى ھەم.

11. ئاممىۋى ئاپتوبۇستىكى تۇتقۇچلار-ئاپتوبۇسقا چىققاندا ئۆرە تۇرغان يولۇچىلار تۇتقۇچنى تۇتۇپ تۇرىدۇ، كۈنىگە قانچە ئادەم شۇ تۇتقۇچنى تۇتىدۇ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم، شۇڭا ئاپتوبۇس تۇتقۇچلىرىمۇ مىكروبنى ئەڭ كۆپ يىغىدىغان نەرسىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئۆز ساغلاملىقىمىز ۋە بەختىمىز ئۈچۈن تازىلىقنى سۆيۈپ، سالامەتلىككە ئەھمىيەت بېرەيلى.

بۇ مەزكۈر سەھىپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى . ياكى گېن سىزنىڭ ئۇخلاش ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .