چوڭ مېڭە بەدەندىكى ئوزۇقلۇقنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىدىغان ئەزا يېقىندا ئامېرىكىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسىدە چوڭ مېڭىنىڭ ئالتە خىل ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن

  ساغلام ياغقا ئېھتىياجلىق. كۆپ ساندىكى مېڭە ھۈجەيرە قۇرۇلمىسى ساغلام ياغقا ئېھتىياجلىق. چوڭ مېڭىنىڭ ئۆز – ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە يېڭىلىشى ئۈچۈن كۆپ مىقداردىكى تويۇنمىغان ئومېگا – 3 ياغ كىسلاتاسى سەرپ قىلىدۇ.
 
چوڭ مېڭە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇقلار

  تەركىبىدە تويۇنمىغان ئومېگا – 3 ياغ كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەر: رەڭلىك بېلىق، توننۇس بېلىقى، زىغىر يېغى، قىچا يېغى، بۇغداي ئۈندۈرمىسى، تۇخۇم قاتارلىقلار.

  ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىغا ئېھتىياجلىق. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، قاندا ھەرىكەتلىنىدىغان ئەركىن رادىكال چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسىگە پارچىلىنىپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنتۇغاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا ئەركىن رادىكالنىڭ زىيىنىغا قارشى تۇرىدىكەن.

  تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا مول بولغان يېمەكلىكلەر: بۆلجۈرگەن، كەترە، سەۋزە، سامساق، ئۈزۈم، پالەك، دادۇر، چاي، شوخلا، دانلىق زىرائەت تۈرىدىكىلەر.

  يۇقىرى تىروزىنلىق ئاقسىلغا ئېھتىياجلىق. مەلۇم نېرۋىنىڭ ماددا يەتكۈزۈشى ترىپتوفان ياكى تىروزىنغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەمما بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. سۈت مەھسۇلاتلىرى، تۇخۇم، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، دادۇر قاتارلىق يېمەكلىكلەر سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولىدۇ.

  سۇغا ئېھتىياجلىق. سۇ كەمچىللىكىمۇ كۈچ – قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئەستە ساقلاشقا زىيانلىق ئىكەن. شۇڭا ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ 1200 مىللىلىتىر (تەخمىنەن ئالتە ئىستاكان) سۇ ئىچىش كېرەك ئىكەن. ھاۋا ئىسسىق كۈنلىرى ۋە ھەرىكەت قىلغاندا سۇنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك.

  ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارغا ئېھتىياجلىق. ۋىتامىن B6، B12، ۋىتامىن C، تۆمۈر، كالتسىي قاتارلىقلار مېڭە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدىكەن. ئەگەر بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولسا، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدىكەن، شۇڭا ئوزۇقلۇقلارنى مۇۋاپىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك. مۇبادا كۆپ خىل يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلالمىسا مۇرەككەپ ۋىتامىن يېسىمۇ بولىدۇ. ۋىتامىننى ئاچ قورساق يېمەسلىك، ئەڭ ياخشىسى يېمەكلىك بىلەن قوشۇپ يېيىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا ئاشقازاننىڭ بىئارام بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  يېمەكلىك تالالىرىغا ئېھتىياجلىق. چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكەت قىلىشىدىكى ئېنېرگىيە قاندىكى قەنت مىقدارىغا تايىنىدۇ، يېمەكلىك تالالىرى قاندىكى قەنت مىقدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.

  تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول بولغان يېمەكلىكلەر: كۆكتات، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىك، قاتتىق پوستلىق مېۋە، سۇلۇق مېۋە، دانلىق زىرائەت قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا تەركىبىدە قەنت، ياغ مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يېگەندە چوڭ مېڭىنى ئاسراشقا پايدىلىق ئىكەن

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قىش پەسلىدە زۇكامدىن ساقلىنىشنىڭ ئەپچىل چارىسى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چاچ ئاقىرىشنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .