قىش پەسلىدە زۇكامدىن ساقلىنىشنىڭ ئەپچىل چارىسى

1. سوغۇق سۇدا يۈز يۇيۇش. ئادەتتە كىشىلەر سوغۇق ھاۋانىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىسى تارىيىپ، نەپەس يولىنىڭ لۆمۈلدىشى ئاستىلايدۇ، قان تومۇرلار تارىيىپ، ئاجراتما ماددىلار ئازىيىدۇ، بۇلار بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاجىزلىتىدۇ. يۈزنى ھەر كۈنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇپ بەرگەندە بەدەننىڭ سوغۇققا چىدامچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

2. غولپىياز يىلتىزى قايناتمىسى ئىچىش. غولپىيازنىڭ سوغۇقنى ھەيدەش، تەرلىتىش، غولپىياز ئېقىنىڭ ئىسسىقنى ھەيدەش رولى بولىدۇ. زۇكامنى داۋالاشتا غولپىياز ئېقىنى يىلتىزى بىلەن قوشۇپ پاكىز يۇيۇپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

3. تۇز سۈيىدە ئېغىز چايقاش. كۈندە ئەتىگەن ۋە كەچتە تاماقتىن كېيىن تۈز سۈيىدە ئېغىز چايقاپ بەرسە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى مىكروبلارنى تازىلاپ، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى داۋالىغىلى ياكى ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بۇ ناھايىتى ياخشى تازىلىق ئادىتى بولۇپ، يۇقۇملۇق زۇكام تارقالغان چاغلاردا زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.

4. پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش. قىش كۈنلىرى پۇت – قوللارنىڭ ئۇچلىرى ئانچە ئىسسىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا كۈندە كەچتە پۇتنى تېمپېراتۇرىسى℃40 ~ ℃50 لۇق ئىسسىق سۇغا چىلاپ بەرسە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

5. بۇرۇننى ئۇۋىلاش. ئىككى قولنى بىر – بىرىگە سۈركەپ، ئالقاننى قىزىتقاندىن كېيىن، بۇرۇننى ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە ئۇۋىلاپ بەرسە، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم زۇكامدىن كېيىنكى بۇرۇن ئېتىلىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، يەنە بۇرۇن ياللۇغىنىمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۇيقۇڭىزنى مۇنداق ياخشىلاڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چوڭ مېڭە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇقلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .