جۇڭگو تېبابىتىدە ئاق رەڭ ئۆپكىگە، قىزىل رەڭ يۈرەككە، يېشىل رەڭ جىگەرگە، سېرىق رەڭ تالغا، پايدىلىق، بۇ رەڭلەر مۇناسىپ ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى تەڭشىيەلەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ مەسىلەن، جىمىغۇر، چۈشكۈن، تېرىككەك ئادەم يېشىل، كۆك، قارا رەڭلەر بىلەن كۆپ ئۇچراشسا جىگىرى ياخشىلىنىپ، روھىي ھالىتى ئوڭشىلىدۇ؛ سېرىق، قوڭۇر، مېغىز رەڭلەر تالنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاشقازىننىڭ خىزمىتى ناچار، تاماق ھەزىم قىلالمايدىغانلارغا شىپا بولىدۇ

ھازىرقى زامان تېبابىتىدە رەڭ كېسەل داۋالاشتا دورىغا ئوخشاش رول ئوينايدۇ، يەنى قىزىل رەڭ كىچىك ئۈچەي ۋە يۈرەك كېسىلىگە؛ كۆك رەڭ چوڭ ئۈچەي ۋە ئۆپكە كېسىلىگە؛ سېرىق رەڭ تال ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى كېسىلىگە؛ يېشىل رەڭ جىگەر ۋە ئۆت خالتىسى كېسىلىگە شىپا بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
 
رەڭ بىلەنمۇ كېسەل داۋالىغىلى بولىدۇ

نۇرغۇن كىلىنىكىلىق داۋالاش ئەمەلىيىتىدە رەڭدىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتىدۇ ھەم ئۇنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. كانادادا چىش دوختۇرلىرى داۋالانغۇچىلاردىكى جددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن، داۋالاش ئۆيىنىڭ تاملىرىنى كۆك سىر بىلەن سىرلىغان. ئەنگلىيەدە تېببىي خادىملار ئاي - كۈنى توشماي تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان سېرىق كېسىلىنى يېشىل نۇر بىلەن داۋالاپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. ئامېرىكىدا دوختۇرلار روھىي كېسەللەرنى تىنىچلاندۇرۇش ئوكۇلى سېلىش ئورنىنى شاپتۇل چېچىكى رەڭگىدە سىرلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغان. بۇنىڭدا ئاغرىقلارنىڭ روھىي كەيپىياتى تۇراقلاشقان.

ھازىر بەزى ئەللەردە قۇياش نۇرىغا قاقلاپ داۋالاشتىن باشقا، رەڭ نۇرىغا قاقلاپ داۋالاش ئۇسۇلىمۇ بارلىققا كەلدى. بۇ ئەللەرنىڭ تېببىي خادىملىرى كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ، داۋالاش ئۆيىگە سوغۇق، ئىسسىق نۇر ۋە باشقا رەڭ نۇرلىرىنى بېرىپ كېسەللەرنى داۋالاشقا كىرىشكەن ياكى رەڭ ئاپپاراتى ئارقىلىق رەڭلەرنىڭ ئېلېكتىرو ماگنىت دولقۇنىنى كېڭەيتىپ، ئادەم بەدىنىگە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىقمۇ كېسەلنى داۋالاش مەقسىتىگە يەتكەن.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تېببىي ساۋاتلار 2 تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .