ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە ، تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گرادۇسقا يەتكەندە، بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قوبۇل قىلغۇچ ‹‹كۆيۈش›› كە باشلاپ، بەدەندىكى ئاغرىق ھېس قىلدۇرىدىغان خىمىيىلىك ۋاسىتىنىڭ يولىنى ئۈزۈپ تاشلايدىكەن

ئەمما، بۇ تېمپېراتۇرىدىن ئېشىپ كەتسە، بەدەننىڭ ئىچكى قىسمى ‹‹ئوت ئاپىتى›› گە ئۇچرايدىكەن. تېمپېراتۇرا 50 سېلسىيە گرادۇسقا يەتكەندە، ھۈجەيرىلەردىكى ئاقسىل شەكىل ئۆزگەرتىشكە، ياغ تۈرىدىكىلەر ئېرىشكە باشلاپ، توقۇلمىلار نىكروزلىنىدىكەن. بىراق بۇ خىل ئىسسىقلىق دەرىجىسى ئارقىلىق ئۆسمىنى داۋالىغىلى بولىدىكەن.
 

 ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، 40 سېلسىيە گرادۇسدىن 45 سېلسىيە گرادۇسگىچە بولغان مۇھىتتا بەزى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشى تېزلىشىدىكەن . شۇڭا، سىمسىز رادىئوچاستوتا دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ ئۆسمە رايونىغا ‹‹ئوت›› قويسا، راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرگىلى بولىدىكەن. ئەمما، ئەتراپتىكى نورمال توقۇلمىلارغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەككەن.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ‹‹ساغلام مەھەللە ›› ۋە دىئابىت كېسىلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تېز يول مېڭىش كەيپىياتنى كۆتۈرىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .