قورساق سالماسلىققا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

   1.ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىق شاكاللىق مېۋىلەر مۇسكۇلنى ساغلاملاشتۇرۇپ، توقلۇق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ، يۈرەك كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    2.قىزىل پۇرچاق ياغنى پارچىلاپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ. سېمىزلىك، ئۈچەي راكى، يۈرەك كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلايدۇ.

    3.پالەك قاتارلىق كۆكتاتلار قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش، سەمىرىش، سۆڭەكبوشىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    4. زەيتۇن يېغى، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىپ، يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم بولۇشتىن ساقلايدۇ.

    5. يەر ياڭىقى قىيامى. مۇسكۇلنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ياغنى پارچىلايدۇ. قورۇق چۈشۈش ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۇششاق يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .