ئوزۇقلىنىش ئادىتىنىڭ ئىلمىي بولماسلىقى، ئىرسىيەت ئامىلى قاتارلىقلار سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنىڭ ئىلمىي بولماسلىقى سەمرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب شۇڭا، توغرا يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك

1.ھايۋانات يېغى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق ھايۋانات يېغى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، سېمىز گۆش قاتارلىقلارنى دائىم كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلسا، بەدەن ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن ئوزۇقلۇق ماددىلار ياغقا ئايلىنىپ بەدەندە ساقلىنىپ، تەدرىجىي سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ھايۋانات يېغى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.


 2.تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش بىر قىسىم كىشىلەر تاماق يەپ بولۇپلا يېتىۋالىدۇ ياكى ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرىدۇ. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى يېنىك ھەرىكەت قىلىش ياكى مېڭىش كېرەك. تاماقتىن كېيىن كۈچىنىشى تۆۋەن تەنھەرىكەت بىلەن مۇۋاپىق شۇغۇللانسا، بەدەندىكى ئارتۇق ئېنېرگىيىنى خورىتىپ، سەمرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


 3.كەچلىك تاماقنى ۋاقتىدا ھەم مايسىزراق يېيىش كەچلىك تاماقنى بەك كېيىن ۋە مايلىق يېسە، ئاسانلا سەمرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، كەچتە ئاسان ھەزىم بولىدىغان، يەڭگىل تاماقلارنى يېيىش كېرەك.


 4.كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كۆكتات، مېۋە - چېۋە تەركىبىدىكى ئۈنۈملۈك تەركىبلەر قاندىكى خولىستېرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنداقلا يەنە سوققاق تومۇر (ئارتېرىيە) قېتىشىش ۋە سەمرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مەسىلەن، تەرخەمەك يېمەكلىك تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ بەدەندە ياغقا ئايلىنىشىنى توسىدۇ.


 5.تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش تاتلىق يېمەكلىكلەر تەركىبىدە قەنت كۆپ. ئەگەر بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان قەنتلەرنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە، ئارتۇق قىسمى ياغقا ئايلىنىپ بەدەندە ساقلىنىدۇ. شۇڭا، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.


 6.بەك تويۇنۇپ غىزالانماسلىق كۆپ قىسىم كىشىلەر، پەقەت ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېسە ياكى يېمىسىلا، باشقا تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى قانچە كۆپ يېسىمۇ سەمرىپ كەتمەيدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇ توغرا ئەمەس. ئادەم بەدىنىنىڭ ئاقسىل، ياغ، قەنت قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىنى پارچىلاپ، قايتىدىن سىنتىزلەش جەريانى ئىنتايىن مۇرەككەپ. بەدەننى زۆرۈر ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا بۇ ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق ماددا بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر - بىرىگە ئايلىنىدۇ.

ئەگەر مەلۇم بىر تۈردىكى يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، بەدەن پايدىلىنىپ، ئېشىپ قالغان قىسمى ياغقا ئايلىنىدۇ. گەرچە، ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلمىسىمۇ، باشقا تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئوخشاشلا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بەك تويۇنۇپ غىزالانماسلىق (7 ئۈلۈش تويۇنۇپ غىزالانسا بولىدۇ) كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق، بەدەنگە سۇ تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا سەمىرىپ كېتىش نېمە ئۈچۈن يۈرەككە پايدىسىز؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قورساق سالماسلىققا پايدىلىق يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .