فرانسىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، سېمىزلىك يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق

  فرانسىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، سېمىزلىك يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشتىن باشقا يەنە ئەقلىي ئىقتىدارنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىكەن.
 

ئالىملار 2200دىن كۆپرەك 32 ياشتىن 62 ياشقىچە بولغان كىشى ئۈستىدە بەش يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە سۆزلۈك سىنىقىدا بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 20 ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغانلارنىڭ ئەسكە ئالالىغان سۆزلۈكى %56، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 30 ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان سېمىزلەرنىڭ ئەسكە ئالالىغان سۆزلۈكى %44 بولغانلىقى بايقالغان.

ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىۋاتقان كىشلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتى نىسبەتەن تېز بولىدىكەن.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماقتىن ئىلگىرى مېۋە ئىستىمال قىلسا سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالغىلى بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاسان سەمىرىپ كېتىدىغان كىشلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .