پىسخولوگلار مۇنداق دېيىشتى: روھىي داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرلىنىش كېسەللىكىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، ئۈنۈم ئالاھىدە گەۋدىلىك مەجبۇرلىنىش كېسەللىكىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ھەممە ئىشنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان رادىكال پىسخىك ھالەت سەۋەب بولىدۇ،

مۇنداق ئەھۋالدا مەجبۇرلىنىش كېسەللىكىدىن ھەزەر ئەيلەڭ


  1. سەۋەبى ئېنىق ئەمەس قورقۇنچ ۋە گۇمانلىنىش ئالامىتى سىجىل داۋاملىشىپ، دائىم ئاغرىپ قالغاندەك ياكى قەيەردۇر بىر يېرى مەينەت بولۇپ قالغاندەك ؛

   2. مەلۇم خىل تەرتىپ ياكى مەلۇم خىل ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئۇسۇل بىلەن يېمەكلىكنى تاللاپ يەيدىغان ئىشقا زىيادە مەپتۇن بولۇش ؛

   3. دائىم ئويلىغان چارە ۋە قىلغان ئىشىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ياكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ قويۇش ئېھتىماللىقىدىن ئەنسرەپ يۈرۈش ؛

   4. مەقسەتسىزلا نەرسە-كېرەكلەرنى دۆۋىلەپ قويۇش ؛

   5. بىكاردىن بىكار باشقىلارغا زىيان سېلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەش ۋە گۇمانلىنىش ؛

   6. قايتا-قايتا مۇنچىغا چۈشۈش ۋە ئۆي تازىلاش ؛

   7. قايتا-قايتا نەرسە-كېرەكلىرىنى تەكشۈرۈش، يەنى‹‹ئىشىكنى تاقىدىممۇ–يوق؟›› دەپ گۇمان قىلىش ؛

   8. ئوخشاش بىر سۆزنى توختىماي تەكرارلاش ياكى ساناق ساناش ؛

   9. بىرلا جۈملە سۆزنى ياكى ئىسىمنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەسلىك، بىر جايدا بىر خىل ئۇسۇل بىلەن توختىماي ئايلىنىپ يۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كىشىنىڭ مەجبۇرلىنىش كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى بولالايدۇ.

پىسخولوگلار مۇنداق دېيىشتى: روھىي داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرلىنىش كېسەللىكىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، ئۈنۈم ئالاھىدە گەۋدىلىك. مەجبۇرلىنىش كېسەللىكىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ھەممە ئىشنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان رادىكال پىسخىك ھالەت سەۋەب بولىدۇ، شۇڭا مۇكەممەللىك كېسىلىنىڭ چىرمىۋېلىشىدىن قۇتۇلغاندا، مەجبۇرلىنىش كېسەللىكىدىن ساقىيىشقا قاراپ يۈزلەنگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاكتىپ روھىي ھالەتنى قوزغىتىدىغان ھەرىكەتلەرنى كۆپرەك قىلىشقىمۇ پايدىلىق .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەسىلىلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ساغلاملىققا پايدىلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قانداق قىلغاندا مىجەزى ئىتتىكلىك قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .