سوغۇققان بولۇش مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتىكى بىر خىل ۋاستە بولۇپلا قالماي،يەنە ساغلاملىقنى ئاسراشتىكى بىر خىل يول

   پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە،مۇۋاپىق ھالدىكى كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بولۇشنىڭ كىشىلەربىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش ۋە ساغلاملىقنى ئاسراشتىكى ئەھمىيىتى زور ئىكەن. بۇنداق قىلىش مەسىلىلەرنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ، زىدىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

مەسىلىلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ساغلاملىققا پايدىلىق


باشقىلارغا ياكى ئۆزىگە ھەدىدىن زىيادە تەلەپ قويغاندا، ئادەم بەلگىلىك جىددىي پىسخىكىلىق ھالەتتە تۇرىدىكەن. بۇنداق بولغاندا زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ كېتىدىكەن ھەم كەيپىياتنى پەسەيتىش، مەسلىنى چۈشەندۈرۈش قىيىن بولىدىكەن. ئورگانىزمنىڭ يېڭى ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى يوقىلىدىكەن.

شۇنداقلا يېڭى ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلىدىكەن،يەنە كېلىپ ئۇ كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىدىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتىپ، يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىكەن .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قالايمىقان يېزىش – جىجىش ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مۇنداق ئەھۋالدا مەجبۇرلىنىش كېسەللىكىدىن ھەزەر ئەيلەڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .