ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بويتاق ئاياللار بويتاق ئەرلەردىن خۇشال ياشايدىكەن.

بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئاياللار مۇھەببەت جەريانىدا ئەرلەردىن بەكرەك رىيازەت چېكىدىكەن، چۈنكى ئاياللار مۇھەببەتلەشكەندە ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولىدىكەن.

  ئەنگلىيەلىك ئالىم ئەيمىلى مۇنداق دېگەن: ئىسپاتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاياللارنىڭ قىلىدىغان ئۆي ئىشى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ، ئۆي ئىشى ئارقىلىقمۇ خۇشاللىق تاپالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاياللار نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش، تاشقى قىياپىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش دېگەندەك ئىشلار ئارقىلىق نۇرغۇن خۇشاللىق ھەم زوق ئالالايدۇ.

 ئاياللار ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە ماھىر كېلىدۇ، بويتاق قالسا ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتنىشىش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، ھالبۇكى، ئەرلەر بويتاق قالسا، بۇنداق پائالىيەتلەرگە ئاز قاتنىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا «خىزمەتداش ئەر-خوتۇنلار» ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكتىن ساقلىنىش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .