بىر تۈرلۈك يېڭى بايقاش دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: دائىم ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بالىلارنىڭ نىكاھ ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى كۈلمەيدىغان بالىلارنىڭكىگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن

 مۇتەخەسسىسىلەر مۇنداق دېگەن: بەش ياشلىق بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن دالىغا چىققاندا چۈشكەن سۈرەتلىرى ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرەلەيدىكەن. بىز قۇرامىغا يەتكەن 650 كىشىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا چۈشكەن سۈرەتلىرىنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ سۈرەتتىكى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇش ھالىتىگە باھا بەردۇق ۋە دەرىجىگە ئايرىدۇق، ئاندىن 27~87 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش تارىخى بار يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. ئاندىن ئۇلارنىڭ جاۋابى بىلەن سۈرەتتىكى كۈلۈمسىرەش دەرىجىسىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش باھالاپ چىقتۇق.

كۈلگۈنچەك بالىلارنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق

 مۇتەخەسسىسىلەر ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: بالىلىق چېغىدا چۈشكەن سۈرىتىدىكى كۈلۈمسىرەش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شۇ كىشىنىڭ ھاياتىدىكى مەلۇم بىر باسقۇچتا نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىش ياكى كەتمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ كۈلۈمسىرەش دەرىجىسى تۆۋەنلىگەنسېرى، كېيىنكى ھاياتىدا نىكاھتىن ئاجرىشىش ئېھتىماللىقى شۇنچىلىك يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن.

«بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تەشەككۈر ئېيتىشنى بىلىدىغان كىشىلەر ۋە ساغلاملىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .