ھاياتىمىزدا ھەرخىل مىجەزدىكى كىشىلەر بار بۇنىسى ئېنىق ھەرخىل مىجەزنىڭ ساغلاملىققا قانداق تەسىرى بولىدۇ بۇنى بىلەمسىز؟

   تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: قەلبىدە تەشەككۈر تۇيغۇسى كۈچلۈك ھەمدە ھەرقاچان كۆرگەن ياخشىلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى خىلمۇ خىل بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ، ئاغرىپ قالسىمۇ ئاسانلا ساقىيىپ كېتىدۇ، يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ تۆۋەن بولىدۇ، ئاخشىمى خاتىرجەم ۋە قېنىپ ئۇخلايدۇ.

تەشەككۈر ئېيتىشنى بىلىدىغان كىشىلەر ۋە ساغلاملىق

   تەتقىقاتچىلار مۇنداق بولۇشتىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: كۆرگەن ياخشىلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىش تۇيغۇسىغا باي كىشىلەر نۇرغۇن ئاكتىپ تۇيغۇلاردىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىدۇ، مەسىلەن: خۇشاللىق، قىزغىنلىق، مۇھەببەت، بەخت ۋە ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇسىغا باي بولىدۇ. بۇ خىل ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولىدىغان ئاكتىپ روھىي ھالەت بەدەننى ئىنتايىن ساغلام ھالەتتە تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاچچىقلىنىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كۈلگۈنچەك بالىلارنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .