تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش ۋە يېمەك–ئىچمەكنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلماسلىقنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىقلىقى ھەممىگە ئېنىق بىراق ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭمۇ سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆپ كىشى بىلمەسلىكى مۇمكىن

تېببىي تەتقىقاتلاردىن ئىنسانلارنىڭ ئىدىيە، ھېسسىيات جەھەتتىكى ئۆزئارا قويۇق مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ تەننىڭ ساغلام، روھىي ھالەتنىڭ جۇشقۇن بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى ۋە تۆۋەندىكىلەر بايقالدى: بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئىچىدە كىشىلەرگە ئارىلاشمايدىغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى باشقىلارغا قارىغاندا ئىككى،ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

   روھىي كېسەللەر ئىچىدە، ئەر–خوتۇن چىقىشالمايدىغانلار، نىكاھتىن ئاجراشقانلار، يىگانە ئەرلەر ۋە تۇل ئاياللار باشقىلارغا قارىغاندا5–10 ھەسسە كۆپ بولىدىكەن.

   ئاسان جىددىيلىشىدىغانلاردا روھىي جەھەتتىن يار–يۆلىكى بارلارغا قارىغاندا، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن .

   كۆڭلىدىكىنى ئىزھار قىلغۇدەك سىرداش دوستى بارلارنىڭ ئاسانلىقچە روھى چۈشۈپ كەتمەيدىكەن.

   تەتقىقاتتىن قارىغاندا، ساغلاملىق ۋە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ %20 ى ئىرسىيەتكە باغلىق ئىكەن. %25 ى ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن كەلگەن 0.5 داۋالىنىش شارائىتىدىن كېلىدىكەن. قالغان %50 ى ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئىلىكىدە بولۇپ، ئۇ ئۆزى تاللىۋالغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە يېتىلدۈرگەن ئادىتى قاتارلىقلاردىن كېلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىش ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، سىرداش دوستلارنى كۆپرەك تۇتۇش،دوستلۇقنى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرۇش ساغلام بولۇش ۋە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يېنىك مۇزىكىنى ئاڭلاش قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاچچىقلىنىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .