يۇقىرى قان بېسىمى كىشىلىرى لىرىكىلىق مۇزىكا ئاڭلاپ بەرسە ھەقىقەتەن پايدىلىق ئىكەن

   خەلقئارا يۇقىرى قان بېسىمى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىلمىي تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرى ھەر كۈنى يېرىم سائەت يېنىك مۇزىكىلارنى ئاڭلىسا ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدىكەن .

   تەتقىقاتچى خادىملار 56 نەپەر يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارىنى 28 دىن ئىككى گۇۇرۇپپىغا بۆلۈپ ، بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە ھەر كۈنى يېرىم سائەت يېنىك مۇزىكا ئاڭلاتقان ، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە مۇزىكا ئاڭلاتمىغان . تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ھەر كۈنى يېنىك مۇزىكا ئاڭلىغان بىمارلارنىڭ قان بېسىمىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكى ، مۇزىكا ئاڭلىمىغان بىمارلارنىڭ قان بېسىمىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى بايقالغان .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاچچىقىڭىزغا ھاي بېرىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دوستلۇق ۋە سالامەتلىك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .