كۆپ قىسىم ئەرلەر دائىم ئايالى ياكى لايىقىدىن ئاغرىنىپ، مىجەزى غەلىتە دېيىشىدۇ لېكىن بۇنىڭدىن ھالقىلىق مەسلە چوڭ مېڭە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان سېروتونىننىڭ مىقدارى ئوخشمىغاچقا، مىجەزىدە بىر قىسىم ئوخشىماسلىقلار كېلىپ چىققان

    چوڭ مېڭىدىكى سېروتونىن مىقدارى يېتەرلىك ھەمدە مۇۋاپىق بولسا، كىشىدە خۇشاللىنىش كەيپىياتى كۆرۈلىدۇ، ناۋادا سېروتونىن مىقدارى تۆۋەن بولسا، غەمكىن بولۇش، كۆڭلى يېرىم بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئاقسىل ماددىسى تۆۋەن يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭىدىكى سېروتونىنى ساقلاپ ھەمدە مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۆزىنى تېخىمۇ خۇشال ھېس قىلىدۇ. ئاياللاردىكى سېروتونىن ماددىسى ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئاياللار ئورۇقلاشنى مەقسەت قىلىپ تاماقنى كۆپ يېمىگەچكە، چوڭ مېڭىدىكى سېروتونىن مىقدارى تۆۋەنلەپ، مىجەزى چۇسلىشىپ كېتىدۇ ۋە ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ـــ ماتېرىيالدىن


ئالدىنقى ماقالىمىزدا زېرىكىشمۇ بىر يۇقۇچان كېسەل ئىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاچچىقىڭىزغا ھاي بېرىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .