بۈگۈنكى كۈندە زېرىكىش ئاللىقاچان «يۇقۇچان كېسەل»گە ئايلىنىپ بوپتۇ مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا ئامېرىكا مىقياسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتتىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى:« تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان %98 ياش تۇرمۇشىنى زېرىكىشلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما دائىم ھەم ئاسان زېرىكىدىغان ئادەملەرنىڭ تەلىيى بىر ئۆمۈر ئوڭ بولمايدۇ ئۇلارنىڭ يۈرەك كېسىلىدە ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى نورمال ئادەملەرگە قارىغاندا 2 5 بەش ھەسسە كۈچلۈك بولىدىكەن، ئۇلار يەنە دېۋەڭلىك ۋە ئەنسىزلىك كېسىلىگە يېقىن بولىدىكەن»

 مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:« زېرىكىشلىك كەيپىياتتىن قۇتۇلۇشنىڭ ھالقىسى ئېنىقكى، دىققەت كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە يىغىش. ئەگەر ئادەم ئىشتىن بۇرۇن نىشانىنى بېكىتىۋالسا، شۇنداقلا نىشانغا يېتىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى پۇختا لايىھەلىسە، ئۇنداقتا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ-دە، ئىشلارنى ئاخىرىغا چىققىچە داۋام قىلالايدۇ، ھەتتا ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ۋاقىتنىڭ مەنىلىك ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئۆزىنى سەزمىگەن ھالدا روھىي جەھەتتە رازى بولۇش تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ ۋە پۈتۈن بىر كۈن خۇشال ئۆتىدۇ».

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:« ھەممە يەرنى بىمەنە غىدىقلاش قاپلىغان دۇنيادا ئەگەر ئادەم دىققەت كۈچى بىلەن زېرىكىش تۇيغۇسىنى يوقاتماقچى بولسا، ئىشنى ئالدى بىلەن يان تېلېفوننى رەتكە سېلىشتىن باشلىغىنى ياخشى. زۆرۈر ۋە مۇھىم بولمىغان نومۇرلارنى تازىلاش، زۆرۈرىيىتى يوق ئەسكەرتمىلەرنى ئۆچۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن دىققىتىنى كۆز ئالدىدىكى ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈش زېرىكىش تۇيغۇسىنى يوقىتىشقا ئاسان بولىدۇ».


ئالدىنقى ماقالىمىزدا سېرىق نەرسىلەر ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار مىجەزىدىكى ئۆزگىرىش يېمەكلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .