كىشىلەر شىمالىي ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەللەرنى جىنسىي ئازاد دۆلەتلەر دەپ ئاتايدۇ بۇ دۆلەتلەردە جىنسىيەت قويۇۋېتىلگەچكە، جىنسىي جىنايەت ئازايغان

دەرۋەقە، دانىيە كوپىنھاگىن ساقچى مەھكىمىسىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە،  جىنسىيەت قويۇۋېتىلگەچكە، ئومۇمىي جىنسىي جىنايەت نىسبىتى تۆۋەنلىگەن. ئەمما بىز جىنسىي جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى كونكرېت ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلغىنىمىزدا، كۆپ قىسمىنىڭ بىر قەدەر يېنىك بولغان «مارىلاش»، «يالىڭاچلاش» قاتارلىق جىنايەتلەر ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. پسىخىكا ئالىملىرى: بۇ خىل ھال شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ جىنسىيەت ۋە جىنسىي جىنايەتكە بولغان تونۇشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، دەپ قارىماقتا. جىنسىيەت مەدەنىيىتىنىڭ قويۇۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، شەھەر ئاھالىلىرى «مارىلاش»، «يالىڭاچلاش» قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە كەڭچىلىك قىلىدىغان، ئۇلارنى ئېغىر جىنايەت دەپ ھېسابلىمايدىغان بولدى. شۇڭلاشقا بۇ خىلدىكى ئىشلارنى ساقچىغا مەلۇم قىلمايدىغان بوپقالدى. بۇنىڭ بىلەن جىنسىي جىنايەتنىڭ سانى ئازايغاندەك كۆرۈندى. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەنلا جىنسىيەتنى قويۇۋېتىش جىنسىي جىنايەتنى ئازايتىدۇ، دەپ ئېيتىشىمىز ناھايىتى تەسكە توختايدۇ.

گەرچە جىنسىيەتنى قويۇۋېتىش جىنسىي جىنايەت سانىنى ئازايتسىمۇ، جىنسىي زوراۋانلىق جىنايىتىنى ئازايتالمايدۇ. كوپىنھاگىندا يۈز بەرگەن جىنسىي جىنايەتلەر ئىچىدىكى باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىنى مىسالغا ئالساق، جىنسىيەت مەدەنىيىتى چەكلىمىدىن بوشىتىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدە، باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىنىڭ نىسبىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بايقىيالايمىز. بۇ مەسىلە ھەر قايسى ئەللەرنىڭ كونكرېت ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭلاشقا دانىيەنىڭ ماتېرىيالىنى دەستەك قىلىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش ناھايىتى تەس.

پسىخىكا ئالىملىرى جىنسىيەتنى قويۇۋېتىش بىلەن باسقۇنچىلىق دېلوسى يۈز بېرىشنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىتا خەلقئارالىق سېلىشتۇرۇش ئېلىپ باردى. نەتىجىدە، ئامېرىكا، دانىيە قاتارلىق جىنسىيەت قويۇۋېتىلگەن دۆلەتلەردە  باسقۇنچىلىق دېلوسىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى سىنگاپۇر، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، ھازىر شۇ خىلدىكى دېلولار سانىنىڭ ئۆتكەنكى مەزگىلدىن كۆپ ئىكەنلىكى بايقالدى. بۇ ئەھۋال ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ جىنسىيەت جەھەتتىكى نەرسىلەر بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچراشقاچقا، جىنسىي جىنايەتكە كەڭچىلىك قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى جىنسىي ھەۋەس قانائەتلەندۈرۈلگەن بولغاچقا، يېنىك خاراكتېرلىك جىنسىي جىنايەت سانىمۇ ئازايغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، جىنسىيەت قويۇۋېتىلىش تەسىرى بىلەن، بەزى كىشىلەر سېرىق زوراۋانلىق كىنولارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى دورايدۇ ۋە ئۆگىنىدۇ. بۇلار زوراۋانلىق جىنسىي جىنايەتنىڭ يۈز بېرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

جىنسىي جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پسىخىكا ئالىملىرى بۇ خىلدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سېرىق كىنولارغا ئىنتايىن قىزىقىدىغان بولۇپ چىقتى. بۇنىڭدىن زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان سېرىق ئەدەبىياتنىڭ كىشىلەرگە ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە يىغلاش سالامەتلىككە پايدىلىقكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى زېرىكىشمۇ بىر يۇقۇچان كېسەل ئىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .