پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە يىغلاش سالامەتلىككە پايدىلىقكەن


1. يىغا روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق. پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە يىغلاشمۇ ئادەمنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، يىغىنى روھىي بېسىمنى يەڭگىللىتىشتىكى ئۈنۈملۈك «دورا» دېيىشكە بولىدىكەن.

2. يىغا قان ئايلىنىش ۋە مېتابولىزمغا پايدىلىق. ئادەم يىغلىغاندا قىسقا – قىسقا ۋە ئۇزۇن نەپەسلىنىدۇ، بۇ نەپەسلىنىش سىستېمىسى ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن. يىغلاپ نەپەسلىنىش بەزى دەم سىقىلىش ۋە كېكىردەك ياللۇغىنى داۋالايدىكەن.

3. يىغا كۆزنى تازىلاپ ھەم نەمدەيدۇ. كۆز يېشىدا لىزوزىما (باكتېرىيە ئېرىتكۈچى ئېنزم) بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى بىر خىل قوغدىنىش ماددىسى ھېسابلىنىدۇ. ئادەم يىغلىغاندا كۆز ياشلىرى كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى نەمدەپ كۆزنى تازىلاپ، مىكروبنى ئۆلتۈرىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر يىغلاشنىڭ 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى، يىغلاش ئارقىلىق روھىي بېسىمنى يەڭگىللىتىپ ئىچىنى بوشىتىۋالغاندىن كېيىن داۋاملىق يىغلىماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئۇزاق يىغلاش ئوخشاشلا سالامەتلىك ئۈچۈن   زىيانلىق.

نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى

 

مەنبە تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۈلۈش- ھەقسىز ھۆسىن دورىسى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سېرىق نەرسىلەر ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .