كۈلۈش- ھەقسىز ھۆسىن دورىسى

تەتقىقاتتا ئېنىقلىنىشچە، كۈلۈش جىسمانىي ۋە روھى ساغلاملىقنى ئاشۇردىكەن.  كۈلگەندە جاۋغاي بىلەن ياڭاق سۆڭەكتىكى مۇسكۇللار ھەركەتلىنىپ، ئېغىز ۋە كۆزنى يۇقىرىغا كۆتىرىدىكەن. يۈز قىسمىنى بۇنداق ئۇۋۇلاش يۈز تېرىسىنىڭ بوشۇشۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .
 

بىر قېتىملىق كۈلكە 17 مۇسكۇلغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بىر قېتىملىق قاقاقلاپ تېلىقىپ كۈلۈشنىڭ رولى 15 مىنۇت بەدەن چېنىقتۇرغاندىنمۇ چوڭ بولىدىكەن . بىر مىنۇتلۇق كۈلكە 45 مىنۇتلۇق بوشاشتۇرۇش ھەركىتىگە تەڭ ئىكەن.  

ئادەم خۇشاللىقتىن كۈلگەندە، خۇشاللىق ماددىسى ئاجىرتىپ چىقىرىدىكەن، بۇ ماددا « خۇشاللىق ھورمىنى » دەپ ئاتىلىدىكەن. ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى مەنبەلىك ماددىنىڭ ھاسىلاتى بولۇپ، ئۇ نېرىۋا ، نەپەسلىنىش، ئايلىنىش، ھەزىم قىلىش قاتارلىق سىستېمىلارنى تەڭشەپ، يۈرەك مۇسكۇلىنى قان بىلەن تەمىنلەشنى ياخشىلايدىكەن ھەم چوڭ مېڭنىڭ ئېندورفىن ئاجىرتىپ چىقىرىشىغا تۈرۈتكە بولۇپ، ئادەم روھىنى كۆتىرەڭگۈ قىلىدىكەن.  

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاچچىقىڭىزغا ھاي بېرىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە يىغلاش سالامەتلىككە پايدىلىقكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .