خاراكتېر ۋە ماسلىشىشچانلىق

تۇرسۇن كېرىم قارچۇق

بىر كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشسەم ئايالىم ،دوستىڭىز سادىرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلەيلى ،كەرىمە ئىككىسى بىر نەرسە دىيىشىپ قالغان ئوخشايدۇ .بىچارە قار-يامغۇر يىغلاپ تىلىفون قىلىپتۇ ،خېلىلا ئازارلىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ دىدى .ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ھەر ئىكىكسى بىلەن ئايرىم پاراڭلاشتۇق .دوستۇم سادىرنىڭ دائىم ئازارلىشىپ قالىدىغان سەۋەبنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم .ئۇ «كەرىمە مىنى ياخشى كۆرمەيدۇ ،شۇڭا ماڭا پەقەت ئەركىلىمەيدۇ ، مەن ئاڭلاشنى خالايدىغان ، ئىنتىزار بولغان گەپلەرنى دىمەيدۇ،باشقا دوستلىرىمنىڭ خوتۇنلىرى ئېرىغا شۇنداق ئەركىلەشنى تاتلىق گەپلەرنى قىلىشنى بىلىدۇ شۇنداق بەختلىك ،ئۇ مىنى ياخشى كۆرسە ئۇنداق قىلمايتتى ،مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ مىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئايال بىلەن تۇرمۇش قۇرىمەن »دەپ كايىپلا كەتتى . كەرىمە بولسا «ئەسلى ئۇنىڭ نىيىتى ئالا ،باشقا بىرىگە بۇزۇلغان گەپ ،سىرىتتىن تېپىۋالغان ياۋا مۈشۈك ئاشىقىنىڭ تېتېقسىز ناز-كەرىشىمىلىرى قىلىقسىز ئەركىلەشلىرى ،بىزىرىپ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ دىگەن ياسالما تاتلىق گەپلىرى ئاجايىپ سېھىرلىك يىڭىلىق تۇيۇلۇپ كەتكەن گەپ .بولمىسا شۇنداق گەپ سۆزلەرگە،ئەركىلەشلەرگە ھېرىسمەن بولۇپ مەندىن تانغان ،ئاجرىشىدىغان بولۇپ كېتەمتى »دەپ مىڭ يىرىدىن تۆكىلەتتى .ئەمىلىيەتتە ئۇلار ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىگە شۇنداق ساداقەتمەن شۇنچە مەسئۇلىيەتچان ،بالىلىرىغا كۆيۈنۈپ ئائىلىسى ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ ياشاۋاتقان ،ئائىلىسىنىڭ ئۇلى چىڭ مۇستەھكەم ۋاپادار بىر جۈپلەر ئىدى .

ئەمىلىيەتتە توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولغان ،بالىلىرى ئاق-قارىنى بىلىپ قالغان ئائىلىلەردە ئەر-ئاياللارنىڭ قىزغىنلىقى ،ئىلگىركى رومانتىك پائالىيەتچانلىغى ئاساسەن بىر بىرىگە بولغان ساداقەتمەنلىگى كۆيۈنۈشىگە ئالماشقان بولىدۇ .

ئەنە شۇنداق ئەر-ئاياللار ناگان-ناگاندا ، شۇنداق بىر نۆرى كەلگەندە تولىمۇ تەبىئى ھالدا قىلىنغان يېقىنچىلىق ،شىرىن تاتلىق شىۋىرلاشلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا بىر بىرىگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ،سۆيگۈسىنى ،ئامراقلىقلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ،كۆيۈنۈشلىرى ،مېھرىبانلىقى ،ساداقىتىدە ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىدا ئىپادىلىگەن بولىدۇ .ئاياللار بولسا ئەرلىرىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىش ،ئائىلىدىكى ،خوشنا-خولۇم ،دوست يارەنلىىر ئالدىدىكى ئوبرازىنى نۇرلۇق ، يارقىن قىلىش ، يولدىشىنىڭ ئاتا-ئانىسى ، قېرىنداشلىرى ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش ،قىزىقىشى،ئوي پىكرى ، غۇرىرىغا ھۆرمەت قىلىش ،كۆينىگىنىڭ ياقىسىنى كىر قىلماي رەتلىك ، پاكىز يۈرۈشىگە ماسلىشىپ تەكىتلەپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېرىغا بولغان ساپ ھەقىقى مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ.ئەرلەر بولسا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىغى ،ئايالىغا چىن دىلىدىن كۆيۈنۈشى ،ساداقەتمەنلىگى ، پەرزەنتلىرىگە مەسئۇل بولىشى بىلەن ئىپادىلىگەن بولىدۇ .بۇنى پەقەت قەلىب كۆزى بىلەن كۆرەلىسە دىلى بىلەن ھىس قىلالىسلا كۇپايە .لىكىن ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس خارەكتىرى ، مىجەز-خۇلىقى ، ياشاش سەنئىتى ،ئىچكى دۇنياسى ، ھىسسىياتى ،كۆز قارىشىنى ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنىڭ ئوخشىماسلىغى تۈپەيلىدىن ،بەزى ئەر-ئاياللار ئۆززارا ياكى بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپكە بولغان مۇھەببىتىنى ، ئامراقلىغىنى ، ياخشى كۆرىشىنى سۆز ئىبارىلەر ياكى يېقىنچىلىق ھەركەتلىرى بىلەن ئاشكارە ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدۇ .ھەر گۈلنىڭ ھىدى ئۆزگىچە بولغىنىدەك يەنە بىر قىسىم ئەر-ئاياللارنىڭ خارەكتىرى بۇنىڭ ئەكسىچە .ھەتتا چاقچاق قىلىپ «سۆيگۈنۈم ،مۇھەببىتىم ،مەھبۇبەم ،سىزنى سۆيىمەن »دەپ قويسا ، «ۋىييەي،نىمە بولدىڭىز ،قىچىشمىغان يەرنى تاتىلىمىڭە ،غىدىقىمنى كەلتۈرۈپ » دەپ كايىپ كېتىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا نەسىھەت ئۈنچىلىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاچچىقىڭىزغا ھاي بېرىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .