نەسىھەت ئۈنچىلىرى

ئادەمنىڭ ئەڭ سەمىمىي ۋاقتى ئۆزىنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋاقتىدۇر.

▲ دوستلۇق ئالقاندىكى قۇمغا ئوخشايدۇ، بوش تۇتساڭ ئالقاندا تۇرىدۇ، چىڭ تۇتساڭ بارماقلىرىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ كېتىدۇ.

▲ بۇ دۇنيادا ھېچكىم ھېچكىمگە قەرزدار ئەمەس. ئىچى تار ئادەملەر باشقىلارنى ئۆزىگە قەرزدار دەپ ھېس قىلىدۇ.

▲ دانالار كۆپ ھاللاردا باشقىلار بىلەن ئۆتكەن ئىشلار ئەمەس، بەلكى يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە كۆپرەك پاراڭلىشىدۇ.

▲باشقىلارغا يول قويۇش بىر خىل ئېسىل پەزىلەت، ئەمما ئۆزىگە يول قويۇش چوڭ خاتالىق.

▲ ھاياجانلانغىنىڭ تۇرمۇشۇڭنىڭ قايناق ھېسسىياتقا تولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئەمما دائىم ھاياجانلانساڭ بۇ سېنىڭ تۇرمۇشنى چۈشەنمەيدىغانلىقىڭنى چۈشەندۈرىدۇ.

▲ بىر دەقىقىنىڭ قىممىتىنى بىلەي دېسەڭ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ماھىردىن سورا.

▲ ھېسسىيات بىلەن ياشايدىغان كىشىگە نىسبەتەن ھاياتلىق بىر تىراگېدىيە، پىكىر بىلەن ياشايدىغان كىشىگە نىسبەتەن ھاياتلىق بىر كومېدىيە.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۆزىمىزگە خوشال كەيپىيات ئاتا قىلايلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى خاراكتېر ۋە ماسلىشىشچانلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .