ئۆزىمىزگە خوشال كەيپىيات ئاتا قىلايلى

ھاياتنىڭ ئۆزى بىر چوڭ سىناق. بىز ھاياتلىقتا بىلىپ- بىلمەي نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كىلىمىز، بۇ ئوڭۇشسىزلىقلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش، بىزنىڭ ھاياتقا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمزغا باغلىق. شۇ سەۋەپ كەيپىياتىمىز ناچار چاغلاردا مۇزىكا ئاڭلىساقمۇ، ئۆزىمىز ئەڭ ياقتۇردىغان بىرەر ناخشىنى ئوقىساقمۇ ۋە ياكى چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ئۆزىمىزنى ئاستا- ئاستا قۇيىۋەتسەكمۇ بولىۋىرىدۇ. كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ ئاھ ئۇرۇش، زارلاش، خاپا بولۇش ماھىيەتتە ئادەمنى خورىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئەلىۋەتتە. كۆڭلىڭىز يىرىم بولغاندا دوستلىرىڭىز بىلەن پاراڭلىشىڭ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىپ قانغۇچە ئويناپ كىلىڭ. ھەرگىزمۇ يوق ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى چۈشەپ قويماڭ. قانۇنغا خىلاپ بولمىسا، ئەخلاققا يات قىلمىش بولمىسىلا كەيپىياتىڭىزنى كۆتۈرىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ بىقىڭ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مىجەز-خاراكتىر-كەيپىيات-ھېسسىيات تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى نەسىھەت ئۈنچىلىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .