ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىنىڭ تەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، راك كېسىلى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشى، قالقانسىمان بەز فۇنكسىيەسى ئارتىپ كېتىش، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش(شەقىقە)، قەنت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر ناچار روھىي ھالەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن

  ئۇنداق بولسا، كەيپىيات نېمە ئۈچۈن سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئالىملار كۆپ ئىزدەنگەن بولسىمۇ، ھازىرچە تېخى ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىغان، لېكىن كۆپرەك مايىللىق شۇكى، ئادەم ئوخشاش بولمىغان كەيپىياتتا تۇرغاندا، تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە، ھىپوفىز، ۋېگېتاتىپ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ھەممىسىدە بەلگىلىك بىيوخىمىيەلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىكەن، شۇ ئارقىلىق بەدەندىكى ئەزالارنىڭ فۇنكسىيەسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىكەن. مانا بۇ كەيپىياتنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىشىدىكى فىزىيولوگىيەلىك ئاساستۇر.
 

  فىزىيولوگىيە ۋە پىسخىكا ئىلمى تەتقىقاتىدا جىددىيلىك ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، ئاسانلا كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. جاھىل قايغۇ – ھەسرەت ۋە ئەندىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ناچار كەيپىيات، دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بۇ خىل كەيپىيات كۈچلۈك ھەم ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى كۈچىيىدۇ. ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، كەيپىيات ناچارلىقى سەۋەبىدىن كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئامبۇلاتورىيەدىكى كېسەللەرنىڭ %76 ىنى ئىگىلەيدىكەن.

  1. ناچار كەيپىيات ۋە راك كېسىلى

  تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇزاق مۇددەتلىك بۇرۇقتۇرما ۋە نارازىلىق كەيپىياتى ئاسانلا راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. كەيپىيات بىلەن راك كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمى ۋە راك كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىش نىسبىتى ئوتتۇرىسىدىمۇ روشەن مۇناسىۋەت بار ئىكەن. خۇشال كەيپىيات راك كېسىلىنى داۋالاشقا پايدىلىق ئىكەن، مەيۈسلىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش كەيپىياتى راك كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، راكقا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئوخشاش داۋالاش شارائىتىدا، كېسەلگە بولغان پوزىتسىيەسى توغرا ۋە كەيپىياتى ياخشى ئاغرىققا بولغان داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان؛ ھالبۇكى، راك كېسىلىگە نىسبەتەن ئەندىشە قىلىش، قورقۇش، ئۈمىدسىزلىنىش كەيپىياتىدا بولغان ئاغرىقلارنىڭ كېسىلى تېزلا ئېغىرلىشىپ كەتكەن ھەم تېزلا ئۆلۈپ كەتكەن.

  2. ناچار كەيپىيات ۋە يۇقىرى قان بېسىمى

  كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى قان بېسىمى ۋە يۈرەك رىتىمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. غەزەپلىنىش، ئۆچ – ئاداۋەت ساقلاش، ئەندىشە قىلىش، قورقۇش، قايغۇرۇش قاتارلىق كەيپىياتلار قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ غەزەپلىنىش، ئەندىشە قىلىش، ئۆچ – ئاداۋەتلەرنىڭ قان بېسىمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق. بەزىلەر ھەتتا ئىچىگە يۇتۇۋېتىلگەن دۈشمەنلىشىش كەيپىياتى قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ مۇھىم سەۋەبى دەپ قارىماقتا.

  دۆلىتىمىز پىسخولوگىيە خىزمەتچىلىرى 232 قان بېسىمى ئاغرىقىنى تەتقىق قىلىپ شۇنى بايقىدىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى %58.7 كىشىدە كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، تېرىككەك، تەلىپى ئارتۇقچە يۇقىرى بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن.

  3. ناچار كەيپىيات ۋە يۈرەك كېسىلى

  يۈرەك ۋە قان تومۇرنىڭ كەيپىياتقا بولغان سەزگۈرلۈكى ئەڭ يۇقىرى. تەكرار ۋە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ناچار كەيپىيات يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بەك ئەندىشە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك سانجىقىنىڭ قوزغىلىشى ئانچە ئەندىشە قىلمايدىغانلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. تولا ئەندىشە قىلىدىغان، غەم قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. غەزەپلىنىش، ئەندىشە قىلىش، ۋەھىمە ۋە كەيپىياتتىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەر ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  4. ناچار كەيپىيات ۋە ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكى

  كەيپىيات ئاشقازان، ئۈچەينىڭ فۇنكسىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئادەم قورققان ۋە ئازابلانغان ۋاقىتلاردا، ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئاقىرىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى توختاپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىدۇ؛ ئەندىشە قىلغاندا، غەزەپلەنگەندە، ئاغرىنغاندا ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە قان تولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپ ئاجرىلىپ چىقىدۇ. ئۇزاق مەزگىل مۇشۇنداق بولۇۋەرسە، ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ناچار روھىي ھالەتنى ياخشىلاي دېسىڭىز... تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مىجەز-خاراكتىر-كەيپىيات-ھېسسىيات توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .