سىز ئىلگىرى روھىڭىزنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تاڭ سەھەردىلا كەينى – كەينىدىن ئۈچ ، تۆت ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ باققانمۇ ؟

 ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلسىڭىز تېخىمۇ بەك چارچايسىز . قەھۋە تەركىبىدىكى كوففىئېن مەركىزىي تۈگۈن نېرۋا سىستېمىسىدىكى بەلگىلەش ماددىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا توشقۇنلۇق قىلىدۇ .

شۇڭاقەھۋە ئىچىش روھنى جانلاندۇرۇپ ، تېتىكلەشتۈرىدۇ . بىراق ئەتىگەندىلا كەينى – كەينىدىن ئۈچ ، تۆت ئىستاكان قەھۋە ئىچىش ، ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرۈپ ، تېتىكلەشتۈرۈش رولى چۈشكە بارمايلا يوقاپ كېتىدۇ ، كىشىنى تېخىمۇ چارچىتىپ قويىدۇ .

شۇڭا ئەڭ ياخشىسى سەھەردىلا بىرلا ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ ، چۈشتىن كېيىن چارچىغان چېغىڭىزدا ئاندىن يەنە بىر ئىستاكان ئىچىڭ . كوففىئېننىمۇشۇنداق مۇقىم ھالدا ئىستېمال قىلىپ بەرسىڭىز ، بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەت بولىدۇ .

قەھۋە ناھايىتى ئۈنۈملۈك روھىنى جانلاندۇرغۇچى ئىچىملىك بولۇپ ، تەتقىقاتتىن بايقىشىمچە ، ئادەتتە قەھۋەنى ئىستېمال قىلىپ بىر سائەتتىن يېرىم سائەتكىچە بولغان ۋاقىتتا ئۈنۈمى كۆرۈلىدىكەن .

بىراق بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 400 مىللىگىرامدىن ئارتۇق كوففىئېن ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك . بۇنىڭدىن كۆپ ئىستېمال قىلىنسا بەلكىم ئۇقۇغا تەسىر كۆرسىتىپ ، كىشىنى تېخىمۇ چارچىتىپ قويۇشى ، يۈرەك رېتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە قەھۋەنىڭ روھنى جانلاندۇرۇش ئۈنۈمى ئاياللاردا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مىجەزنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .