مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقۇسىز يۈرىدىغانلار ئاسانلا ھەرخىل روھىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىكەن

 

ئادەتتە ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىگە دىققەت قىلىپ، كەيپىياتىنى تەڭشەپ تۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش، تۇرمۇشتا ئۆزى قىلالايدىغان دائىرىدىكى ئىشلارنى قىلىش، ئىمكان بار كەڭ قۇرساق بولۇش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرگەن ئاساستا قوشۇمچە دەم ئېلىشنىمۇ بىرلەشتۈرۈش ئۆزىنى تەڭشەشنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرىدۇر.

ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر ئېغىر بولسا ئەڭ ياخشىسى پسىخىكا دوختۇرلىرىغا كۆرۈنۈپ بېقىش لازىم. لېكىن، ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئورۇنلىرىدىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ كلىنىكىدا روھىي جەھەتتىن دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش جەھەتتىكى تەجرىبىسى تۈپەيلى بىرقىسىم پسىخىكا جەھەتتىن بىنورمال بولغان بىمارلار بۇنداق ئورۇنلاردا داۋالىنىپ شىپا تاپالمايدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دۆلىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14دۆلەتتىكى 15داۋالاش نۇقتىسىنى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى دوختۇرلارنىڭ پسىخىكا جەھەتتىكى توسالغۇلارغا دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش سەۋىيىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا ئەڭ تۈۋىنى %15.9 بولغان، قالغانلىرىغا دىئاگنوز قويۇلمىغان ۋە خاتا دىئاگنوز قويۇلغان. توغرا دىئاگنوز قويۇلغانلىرىمۇ پەقەت دورا بىلەنلا داۋالانغان. روھىي كېسەللىكلەرنى مەخسۇس داۋالايدىغان ئامبولاتورىيىلەرگە ۋە كەسپىي دوختۇرخانىلارغا يۆتكەپ داۋالانغانلىرى پەقەت %8.9 بولغان.

بەزى بىمارلار ‹‹روھىي كېسەللەر›› بىلەن بىللە يېتىپ–قوپۇپ داۋالىنىشتىن قورقۇپ مەخسۇس ئامبولاتورىيىلەرگە يۆتكىلىپ داۋالىنىشنى خالىمىغان. ئۇزاق مۇددەت داۋالىنىشنى كەينىگە سۈرۈش ياكى ئۈنۈمسىز داۋالىنىش كېسەللىك ئەھۋالىنى بارغانسېرى يامانلاشتۇرىۋەتكەن. ھېسسىيات جەھەتتىكى توسالغۇنى داۋالاشتا (سەۋدا خاراكتېرلىك روھىي كېسەللىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ) خاپىغانلىققا ياكى سەۋدالىققا قارشى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

روھىي كەيپىياتنى مۇقىملاشتۇرۇش، تىت–تىتلىقنى كونتىرول قىلىش، ئۇيقۇنى ياخشىلاشتا زىيادە سەزگۈرلىككە قارشى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. بۇ تۆت خىل دورىنىڭ ھەممىسى بىرخىل كېسەلگىلا قارىتىلغان بولماستىن بەلكى كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتىلغان. مەسىلەن، روھىي جەھەتتىن پارچىلانغان بىمارلاردا خاپىغانلىق، روھسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا خاپىغانلىققا قارشى دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ؛ سەۋدالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئارتۇقچە ھاياجانلانغاندا نېرۋىنى كۈچلەندۈرىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. لېكىن ھەرقانداق بىر روھىي كېسەلدە ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىشى مۇمكىن، شۇڭا ھەممىسىگە زىيادە سەزگۈرلۈككە قارشى دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

زىيادە سەزگۈرلىككە قارشى دورىلار تەسىر قىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن–قىسقىلىقىغا قاراپ قىسقا ئۈنۈملىك دورا ۋە ئۇزاق ئۈنۈملىك دورا دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. نېرۋىنى كۈچلەندۈرىدىغان دورىلار ئىچىدە زىيادە سەزگۈرلىككە قارشى دورىلار (تىنچلاندۇرۇش دورىسى) ئادەمنى خۇمار قىلىپ قويىدۇ.

شۇنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا قىسقا ئۈنۈملۈك دورىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدىغانلىقى ياكى ھەرىكەتتە تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىدىغانلىقى بايقالغان.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مىجەزنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .