1 ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن 20 - 30 مىنۇت گېزىت - ژۇرنال ئوقۇش ياكى شېئى

1. ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن 20 - 30 مىنۇت گېزىت - ژۇرنال ئوقۇش ياكى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش كېرەك. 


2. ھەر كۈنى 15 مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئېغىزچە ياكى يازمىچە تۆت ئەمەل (قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش) بويىچە ھېساب ئىشلەش كېرەك. 


3. سول قولنى كۆپرەك ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، سول قولدا پەي توپ ئويناش، سول قولدا خەت يېزىش قاتارلىقلار. 


4 ھەر كۈنى يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ قەغەز قاتلاش مەشىقى قىلىش كېرەك. 


5. شارەك قاتارلىقلارنى ئويناپ، قول بارماق ھەرىكىتىنى كۆپەيتىش كېرەك. 


6. ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئولتۇرۇپ ئىككى مۇشتىنى تۈگۈپ، قولىنى ئالدىغا سوزۇپ تۇرۇپ باش بارماقتىن باشلاپ چىمچىلاققىچە بىر - بىرلەپ ئېچىپ، ئاندىن كېيىن چىمچىلاقتىن باشلاپ باش بارماققىچە بىر - بىرلەپ تۈگۈش ھەرىكىتىنى ئىشلەش كېرەك. بۇ ھەرىكەتنى كۈندە 8 - 10 قېتىم ئىشلىسە بولىدۇ. 


7. ئورۇندا ئولتۇرۇپ قولنى ئېچىپ، دەسلەپتە باش بارماق بىلەن بىگىز بارماقنى 2 قېتىم چېكىش، ئوتتۇرا بارماقنى 1 قېتىم چېكىش، نامسىز بارماقنى 3 قېتىم، چىمچىلاقنى 4 قېتىم چېكىش، ئاندىن چىمچىلاقتىن باشلاپ بىگىز بارماققىچە يۇقىرىقى قېتىم سانى بويىچە باش بارماق بىلەن چېكىش ھەرىكىتىنى ئىشلەش كېرەك. يۇقىرىقى ھەرىكەتنى كۈندە بىر نەچچە قېتىم تەكرار ئىشلەش كېرەك. 


8. ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئىككى قولنىڭ ئالىقىنى بىلەن ئىككى پۇتنىڭ مۇسكۇلىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە 2 قېتىم يېنىك ئۇرۇپ، ئاندىن سول قولنىڭ ئالىقىنى بىلەن سول پۇتنىڭ مۇسكۇلىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە 3 قېتىم يېنىك ئۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈندە 5 مىنۇت ئىشلەش كېرەك. 


9. بىر قولنىڭ ئالىقىنى بىلەن يەنە بىر قولنىڭ دۈمبىسىگە يېنىك 10 قېتىم ئۇرۇپ، ئاندىن قولنىڭ ئالىقىنى ياكى دۈمبىسى بىلەن تىزغا يېنىك ئۇرۇش ھەرىكىتىنى 10 قېتىم ئىشلەش كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا روھى كەيپىياتنى كۆتىرىش ئۇسۇلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى روھى جەھەتتىن غەمكىنلىشىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .