ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى تۆۋەن بولغان چاغلاردا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولى

   ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى تۆۋەن بولغان چاغلاردا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ

  بەزى ۋاقىتتا ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى تۆۋەن بولىدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا روھىي كەيپىياتنى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ: 
 
  غەمكىن بولغان ۋاقىتتا كۈن نۇرى تېگىدىغان جايغا بېرىش كېرەك. كۈن نۇرى غەمنى باسىدۇ. تەتقىق قىلىنىشىچە، كۈن نۇرى كىشىنى خامۇش قىلىپ قويىدىغان ھورموننى تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدىكەن. 
 
  ئۆز- ئۆزىگە سوۋغات ئېلىش كېرەك. بۇ ئۆزىگە تەسەللىي بولىدۇ. 
 
  ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈشەلمىگەن دوست- بۇرادەرلىرىگە تېلېفۇن بېرىش كېرەك. 
 
  كىچىك بالىلار بىلەن بىللە بولۇش ھەم سەيلە قىلىش كېرەك. چۈنكى كىچىك بالىلارنىڭ گەپ- سۆزلىرى، قىلىقلىرى كۆڭۈلنى ئاچىدۇ. 
 
  ئۆيدە گۈل ئۆستۈرۈش ھەم شۇ گۈللەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى تەپسىلى كۈزىتىشمۇ ئىچ پۇشۇقنى ئالىدۇ. 
 
مۇۋاپىق ھەركەت قىلىش كېرەك. 
 
  تىنىچ ئولتۇرۇپ ئويلىنىش، ئىلگىرى ئۆتكەن كۆڭۈللۈك ئىشلارنى ئەسلەش كېرەك. 
 
  ئۆزى ياخشى كۆرۈدىغان ناخشا- مۇزىكىلارنى ئاڭلاشمۇ روھىي كەيپىياتنى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مۇبادا غېرىپسىنىپ ، كەيپىياتىڭىز تۆۋەنلەپ كەتسە بۇ ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى روھى كەيپىياتنى كۆتىرىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .