يالغۇزلۇق، غېرىپلىق ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىنى تۆۋەنلىتىپ، سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ مۇبادا سىز ھەقىقەتەن غېرىپسىنىپ، كەيپىياتىڭىز تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ

1. بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇڭ. نىمىگە قىزىقسىڭىز، كۆڭلىڭىز نىمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ بېقىڭ. پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن بىرەر ئىشقا مەشغۇل بولۇپ كەتسىڭىز، تەبىئىيلا ھەممىنى ئۇنتۇيسىز. ئاستا يۈگۈرۈش، يېزىقچىلىق، رويال چېلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇڭ. ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنلارنى ئويناڭ. 
 
2. تەبىئەتنى سۆيۈڭ. بوش ۋاقىتلىرىڭىزدا باغچىلاردا سەيلە قىلسىڭىز، ئاستا يۈگۈرسىڭىز ياكى ۋېلىسپىت مىنسىڭىز كەيپىياتىڭىز كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. 
 
3. خىزمەتنى نورمىدىن ئاشۇرۋەتمەڭ. خىزمەت ۋاقتى توشۇپ كەتسىمۇ ئىشلەۋېرىش يۈكىڭىزنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ، باش چۆكۈرۈپ خىزمەت قىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر خىزمەتكىلا بېرىلىپ كېتىپ باشقىلار بىلەن بولغان باردى- كەلدىنى ئازايتىۋەتكەچكە بارا- بارا يالغۇز قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن غېرىپسىنىش تۇيغۇسى كۈچىيىپ كېتىدۇ. 
 
4. ئۇرۇق- تۇققانلىرىڭىز بىلەن ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈڭ. ئاتا- ئانا ۋە باشقا ئورۇق- تۇققانلىرىڭىز بىلەن داۋاملىق باردى- كەلدى قىلىپ تۇرۇڭ. 
 
5. باشقىلارغا ياردەم قىلىڭ. باشقىلارغا ياردەم قىلسىڭىز، كۆڭلىڭىز كۆتۈرلۈپ قالىدۇ. باشقىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا ياردەم بېرىشلا زۆرۆر ئەمەس، باشقىلارغا روھىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىڭ. ھەر خىل خەيرى- ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىڭ. 
 
6. تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىڭ. چېنىقىش سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماي روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىققىمۇ، كەيپىياتنى تەڭشەشكىمۇ پايدىلىق. مۇشۇنداق قىلغاندا يالغۇزلىقتىن بولغان زېرىكىش، ئىچ پۇشىقىنى تۈگىتەلەيسىز.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەش سالامەتلىككە پايدىلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى روھىي كەيپىياتى تۆۋەن بولغان چاغدا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .