روھىي بېسىم ھەر تەرەپتىن كېلىدۇ ئۇنىڭ ئومۇمەن جەمئىيەت ، تۇرمۇش ۋە رىقابەتتىن ئىبارەت ئۈچ مەنبەسى بار

 ئۇنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشقا دىققەت قىلىش كېرەك :
 
    بىرىنچى : جەمئىيەتتە ياشىغانىكەنمىز ، ئاز – تولا بېسىمنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال . جىددىي ئىشلەشكە كۆنۈپ كەتكەن بىر ئادەم ناۋادا پىنسىيىگە چىقسا ، تولىمۇ بىئارام بولىدۇ ، زېرىكىدۇ ، ھەتتا غەمگە پاتىدۇ ئۇزاق مۇددەت راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇشتا ئۆتكەن ، بېسىمى يوق كىشىلەر مۇھىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ، مۇسكۇللىرى تېز بوشىشىپ كېتىدۇ . شۇڭا ئۆزىگە كەلگەن نورمال بېسىملارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا يوق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق .
 
    ئىككىنچى : بېسىم ئېغىر بولغاندا ، ھارغىنلقنى چىقىرىشنىڭ يولىنى ئۈگىنىۋېلىش ، ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ، ساۋاقداشلىرى ۋە دوستلىرىغا سۆزلەپ بېرىپ ، ئىچ پۇشقىنى چىقىرىشنى بىلىش كېرەك . مۇشۇنداق قىلغاندىلا ، روھىي بېسىمنى ئوڭۇشلۇق يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ .
 
    ئۈچىنچى : مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ ، ھەۋەس يوللىرىنى كېڭەيتكەندە ، كەيپىيات تەڭشىلىپ ، كەڭ قورساقلىق بىلەن رېئاللىققا يۈزلىنىپ ، شادلىق ئىچىدە ياشىغىلى بولىدۇ .
 
    تۆتىنچى : تۇرمۇشتا چوقۇم بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بەزى بەرسىلەرنى تاللىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ . ئەگەر ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا ، ئۇنى قايتا تەڭشەپ ، كۆپكە ئېسلىۋالماسلىق ، بولۇپمۇ قارىغۇلارچە قوغلاشماسلىق ، ئالدىراقسانلىق بىلەن ئىش كۆرمەسلىك كېرەك .
 
    ئۇنىڭدىن باشقا ، تۇرمۇش رېتىمىنى تەڭشەپ ، دەم ئېلىشنى كۈچەيتىپ ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم . شۇنداق قىلغاندىلا روھىي بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ .
 
 شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

ئالدىنقى ماقالىمىزدا يېمەكلىك ئارقىلىق كەيپىياتنى تەڭشەش ئۇسۇللىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەش سالامەتلىككە پايدىلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .