ئىچىڭىز سىقىلامدۇ ؟ ئۇنداقتا كۆپ سۇ ئىچىڭ ئامېرىكا ‹‹ پىسخىكا ساغلاملىقى›› ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، سۇنى كۆپ ئىچسە سۇ ئادەم بەدىنىدىكى ‹‹ ئادەمنى ئازابلىغۇچى ھورمۇن›› نى ھەيدەپ چىقىرىشنى تېزلىتىپ ، ئادەمنى ناچار كەيپىياتتىن خالاس قىلىدىكەن

   تەتقىقاتچىلار ھورمۇننىڭ ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان . مەسلەن ، چوڭ مېڭىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان EP دەپ ئاتىلىدىغان ماددا ئادەمنى خۇشال قىلىدىكەن ۋە قانائەتلەندۈرىدىكەن . شۇڭا بۇ‹‹خۇشاللىق ھورمۇنى››، دەپمۇ ئاتىلىدىكەن . ئادەمنىڭ ئاچچىقى كەلگەندە ياكى قورقۇپ كەتكەندە ، ئادەم بەدىنىدىن ئادرېنالىن ئاجرىلىپ چىقىدىكەن ، بۇ ‹‹ ئازاب ھورمۇنى›› دېيىلىدىكەن . بۇنداق ھورمۇن ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى سۇسلاشتۇرۇپ ، روھسىز قىلىپ قويىدىكەن .

تەتقىقاتچىلار يەنە ئادەم بەدىنى ‹‹ ئازاب ھورمۇنى›› ئاجرىتىپ چىققاندا ئادەمنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى ، مەسلەن ، باشقىلار بىلەن ئۇرۇشىدىغانلىقى ، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدىغانلىقى ، چوڭ مېڭە تەپەككۇرىنىڭ ئېغىر قالايمىقانلىشىپ ، پۇت–قولنىڭ تىترەيدىغانلىقى ۋە يىغلىغۇسى كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان . 
 
   بۇنداق چاغدا كۆپرەك سۇ ئىچسە ، سۇ ئادەم بەدىنىدىكى ‹‹ ئازاب ھورمۇنى›› نى ھەيدەپ چىقىرىدۇ . ئەلۋەتتە ، تەر بىلەن ياشمۇ ناچار كەيپىياتنى ياخشىلاشقا پايدىلىق . شۇڭا ، كۆڭۈل غەش بولغاندا بىر نەچچە ئىستاكان سۇنى كۆپرەك ئىچسە ، تەر چىققۇدەك دەرىجىدە يۈگۈرسە ، كۆپرەك ئىش قىلسا ياكى قانغۇدەك يىغلىۋالسا ئادەم يېنىكلەپ قالىدۇ . 
 
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناشقا خۇمار بولۇش بىلەن پىسخىك مەسىلىسى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يېمەكلىك ئارقىلىق كەيپىياتنى تەڭشەش ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .