گېرمانىيە تەتقىقاتچىلىرى تولا قارا باسىدىغانلارنىڭ غەم-قايغۇسى 5 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى

 

گېرمانىيە تەتقىقاتچىلىرى، %5 ئادەمنىڭ تەكرار ياكى ئۇزۇن ۋاقىت قارا باسىدىغانلىقىنى بايقىدى. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، داۋاملىق قارا باسىدىغانلاردا ئوڭاي ئۇخلىيالماسلىق، كۆپ چارچاش، تولا قايغۇرۇش، باش ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن. دائىم قارا باسىدىغان ئوغۇل قىزلاردا بولسا، نېرۋا كېسەللىكى ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن، بولۇپمۇ قايغۇرۇش نىسبىتى ئادەتتىكىدىن 5 ھەسسە ئېشىپ كېتىدىكەن.

 

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەيدۇ:"قارا بېسىش قېتىم سانى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش ئارىسدا زىچ مۇناسىۋەت بار، بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، قارا بېسىش ئادەمنىڭ بەخىت تۇيغۇسىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن."

 

تەتقىقاتچىلار 9000 نەپەر كىشىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قارا بېسىش قېتىم سانى، قانداق كىشىلەرنى ئوڭاي قارا باسىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ سالامەتلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان.

 

تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنى ئوڭاي قارا باسىدۇ

 

تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %5.1 ئادەمنى ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم قارا باسىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار ئەرلەردىن بىر ھەسسە كۆپ ئىكەن. تەتقىقاتچىلار ئىرسىيەتكە سەزگۈرلۈكنىڭ قارا بېسىشقا تەسىرى بارلىقىنى كۆرسەتتى.

 

قارا بېسىش يەنە كىرىم ۋە ئىشسىزلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كىرىم تۆۋەنلەرنىڭ قارا بېسىش قېتىم سانى كىرىمى يۇقىرىلارنىڭكىدىن 2.3 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن، ئۇلار ھەر ھەپتىدە 3-4 قېتىم يامان چۈش كۆرىدىكەن. تۆۋەن تۇرمۇش كىرىمى، خىزمەت بېسىمى قاتارلىقلار بەلكىم بەزىلەرنىڭ يامان چۈش كۆرىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. داۋاملىق يامان چۈش كۆرۈش بولسا، ئۇخلىيالماسلىق، داۋاملىق چارچاش، باش ئاغرىش، ئەتتىگىنى ئورنىدىن تۇرالماسلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

كىشىلەر ئادەتتە، ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن چوڭ مېڭە ھۆكۈم قىلىش خاراكتېرىدىكى تەپەككۇر قىلالمايدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئادەم ئۇخلىغاندىمۇ تەپەككۇر قىلالايدىكەن. چۈش كۆرۈشنىڭ بەلكىم كۈندۈزى بىزنى قىينىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىشىمىزغا ياردىمى بولىشى مۇمكىن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا روھى كەيپىيات ۋە ئوزۇقلۇق توغرىسىدا تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناشقا خۇمار بولۇش بىلەن پىسخىك مەسىلىسى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .