پىسخولوگلارنىڭ بايقىشىچە رويى كەيپىيات بىلەن ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىقنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بولىدىكەن كەيپىياتنى تەڭشىيەلمەيدىغان ۋە ئاسان چېچىلىدىغان ۋە ئاسان خوشاللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى، مىجەزى ئېغىر ? بېسىق، ئېھتاياتچان كىشىلەرنىڭ كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىىتى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىكەن

تىببىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ داۋالاش جەريانىدا كۈزىتىش ئېلىپ بېرىشتىن بايقىلىشىچە كەيپىياتى تۇراقسىز، سەۋرە - تاقەتسىز، دائىم جىددىيلىشىش كەيپىياتى ئىچىدە خىزمەت قىلىدىغان ياكى تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كىشىلەر ئاسانلا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. 


ئۇنداقتا روھى كەيپىياتنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان تەسىرى قانداق بولىدۇ؟ 
ھەر خىل بېسىملارنىڭ ئارتىپ كېتىشى، زېھنىي كۈچىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، كەيپىياتنىڭ نورمالسىز بولۇشى، جىمىخورلۇق، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئىشتىھانىڭ ناچارلىشىپ كېتىشى قاتارلىق نورمال بولمىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

زىيادە جىددىيلىشىش يۈرەك رېتىمىنى تېزلاشتۈرۈپ، قاننىڭ ئېقىشىنى تېزلىتىدۇ، بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزالار، بولۇپمۇ پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللارنىڭ سەرپىياتى ئادەتتىكىگە قارىغاندا بىر ھەسسىدىن ئىككى ھەسسىگىچە يۇقىرى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەتتىكىگە قارىغاندا كۆپرەك كېرەكسىز ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ.

بۇ خىل كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتى جىددىلىشىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سەرپ بولۇشى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دائىم جىمغۇر يۈرىدىغانلارنىڭ ئاشقازىنىدىكى ھەزىم قىلىش سۈيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقتارى ئازلاپ، ئىشتىخاسى ناچارلاپ كېتىدۇ. ئۇزۇن ? مۇددەت غەم ئەندىشە ئىچىدە تۇرغانلار ھەم ئۇيقۇسىزلارنىڭ ئىچكى ئاجىرتىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى نورمالسىزلىشىپ، ئاشقازاندىكى ھەزىم قىلىش سۈيۇقلۇقى كۆپىيىپ، فىزولوگىيىلىك ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىپ، ئارتۇق مىقتاردىكى ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئۇزۇن مەزگىلدىن كېيىن ئاشقازان تىۋىتىنى زىياغا ئۇچرىتىپ، ياللۇغلىنىش ياكى يارلىنىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەندىكى ئوزۇقلۇق مىقتارىنىڭ كەمچىل بولۇشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. 


دائىم كەيپىياتى نورمالسىز بولغان كىشىلەردە ئاقسىل ماي، كاروتېن ۋېتامىن C، ۋېتامىن A، سېلىن، سىنىك، تۆمۈر، مىس قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلىشى ياخشى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، ساقلىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، كەيپىياتنىڭ نورمال بولۇشىنى تەڭشىگەندىن سىرت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتنىشىش، يېمەك ? ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دېققەت قىلىش، ئادەتتە ھارغىنلىق، چارچاش ھېس قىلغان ۋاقىتتا زېھنى كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك تاللاپ ئىستېمال قىلىش، ئورگانىزىمنىڭ چىدامچانلىقى ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم. 


روھى كەيپىياتنىڭ ئىشتىھاغا بولغان تەسىرى قانداق بولىدۇ؟ 


كەيپىياتنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئىشتىھانىڭ ناچارلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئادەمنىڭ كەيپىيەتى ياخشى بولغاندا ئىشتىھا ياخشى بولۇپ، قاتتىق ? قۇرۇق تاماقلارمۇ ناھايىتى مىزىلىك تېتىيدۇ. ئاچچىقلانغان، غەم ? ئەندىشەگە پاتقان ۋاقىتلاردا بولسا ئىشتىھا ناچارلىشىپ، ناھايىتى ئېسىل تاماقلارمۇ تەمسىز تېتىيدۇ. بۇ ئورگانىزىمنىڭ كەيپىياتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا چوڭ مېڭە پوستلۇق قەۋىتىنىڭ ماس ھالەتتىكى ئىنكاس رايونىدىكى ئۆزگىرىش ئارقىلىق بەدەن سۇيۇقلۇقى ۋە ئىچكى ئاجىراتما ھورمونىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ نەتىجىسى. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماق ۋاقتىدا ئاچچىقلانماڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تولا قارا باسىدىغانلارنىڭ قايغۇسى كۆپ بولىدىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .