تاماق ۋاقتىدىكى كەيپىيات يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ تا

تاماق ۋاقتىدىكى كەيپىيات يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تاماقنى خوشال كەيپىياتتا يىسە، ھەزىم بولۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بىراق بەزى كىشىلەر ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاماق ۋاقتىدا ئاچچىقلىنىپ قالىدۇ.

ئاغزىدا يېمەكلىك بار تۇرۇپ ۋاقىراش ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، بۇنداق چاغدا يېمەكلىكلەر كانايغا كىرىپ كېتىپ،قاتتىق يۆتەلنى پەيدا قىلىدۇ. يېمەكلىكلەر كانايغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتسە، يامان ئاقىۋەتلەرنى ھەتتا ئۆلۈم خەۋىپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ، تاماق ۋاقتىدا ئاچچىقلانغاندا يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندا نورمال ھەزىم بولۇشىغا تەسىر يېتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن تاماق يىگەن ۋاقىتتا خوشال-خورام يىيىش،ھەرگىزمۇ ئاچچىقلانماسلىق كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مۇۋاپىق ئاچچىقلىنىشنىڭمۇ بەزىدە مېڭىگە پايدىسى بار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى روھى كەيپىيات ۋە ئوزۇقلۇق توغرىسىدا توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .