ئاچچىقلىنىش ناچار كەيپىيات بولۇپ ، كىم ئاچچىقلانسا بىز ئۇنى ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا ئۈندەيمىز ئەمما يېقىندا ئىسپاتلىنىشچە ، ئاچچىقلىنىشنىڭمۇ ‹‹ پايدىلىق ۋە پايدىسىز›› تەرەپلىرى بولۇپ ، مۇۋاپىق ئاچچىقلىنىشنىڭ چوڭ مېڭىنى قوزغىتىشقا پايدىسى بار ئىكەن

 
   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە ، ئازراق ئاچچىقلىنىپ قويۇشنىڭ رولى بەزىدە ئاكتىپ كەيپىياتلارغا ئوخشاش ، چوڭ مېڭىنىڭ سول تەرىپىدىكى ئالاھىدە رايوننى قوزغىتىپ ، كىشلەرنىڭ پىسخىكىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئادەمدە خۇشاللىق ۋە قانائەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىكەن .
 
   ئەلۋەتتە بۇ خىل ئاچچىقلاش بىر تۈرلۈك ساغلام بولغان ئاچچىقلىنىشتۇر . بۇنىڭدىكى مەقسەت ، كەيپىياتنى توغرىلاش بولۇشى كېرەككى ، ھەرگىز باشقىلارنى رەنجىتىش بولماسلىقى كېرەك . ئاچچىقلىنىشنىڭمۇ مەلۇم چېكى بولۇپ ، بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا روھى كەيپىيات ۋە سالامەتلىك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماق ۋاقتىدا ئاچچىقلانماڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .