بۇنداق كىشىلەر بىرىسى يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشلەر بۇنداقلار ئاچچىقلانسا، نېرۋىسى جىددىيىلىشىپ، ئورگانىزمدىكى كاتېخولئامىن قاتارلىق قان تومۇرنى جانلاندۇرغۇچى ماددىلار ئېشىپ كېتىدۇ نەتىجىدە قان تومۇرلار تارىيىپ، يۈرۈك سوقۇشى تېزلىشىپ، قان بېسىمى قايتىدى

   تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بارلارمۇ ئاچچىقلانسا بولمايدۇ. بۇنداقلار ئاچچىقلانسا ئورگانىزىم ئادرېنالىن قويۇپ بېرىدۇ. بۇ يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ، يۈرەك مۇسكۇلى كۆپلەپ ئوكسىگىن سەرپ قىلىپ، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇل تېقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
 
  جىگەر، ئوت كېسەللىكى بار كىشلەر جىددى ئاچچىقلانسا بولمايدۇ. بۇنداق كىشلەر ئاچچىقلانسا سىمپاتىك نېرۋا غىدىقلىنىپ تېرە ۋە كۆپلىگەن ئىچكى ئەزا قان تومۇرلىرنىڭ كېڭيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە ئاشقازان، ئۈچەي، ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە تالدىكى قان كۆپ مىقداردا جىگەرگە ئېقىپ كىرىپ جىگەرنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. جىگەر نەيچىسىدىكى ئۆت سويۇقلۇقى ئۆت خالتىسىغا قىسلىپ كىرىدۇ، ئاچچىقلىنىش ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى ئازايتىۋىتىدۇ ۋە ئۆت نەيچە ئېغىزىدىكى قورىغۇچى مۇسكۇل سىپازمىلىنىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۇچەي يولىغا ئېقىپ كىرەلمەي، ئۆت خالتىسىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، ئۆت خالتىسى ياللۇغى ۋە ئۆت سانجىقىنىڭ جىددى قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
 
   ئاشقازان-ئون ئىككى بارماق ئۇچەي يارىسى بارلارمۇ ئاچچىقلانسا بولمايدۇ. بۇنداق كىشلەر ئاچچىقلانسا، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. 
 
  يەنە زىيادە سېزىمچانلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار ئاچچىقلانسا بولمايدۇ. بۇ خىل كىشلەر ئاچچىقلانسا، ئىممونىتېت ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ھەتتا ھاياتىغا جىددىي خەۋپ ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن. 
 
  شۇڭا يۇقىرىقىدەك كىشىلەر جىددىي ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ پىسخىكا ئامىلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى روھى كەيپىيات ۋە سالامەتلىك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .