ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ماھىر بولۇش ياشانغانلار تاسادىبىي ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە تەم

   ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ماھىر بولۇش. ياشانغانلار تاسادىبىي ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە تەمكىن بولۇشى، مەسىلىلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشى،ھەددىدىن زىيادە خوشال بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم.چۈنكى زىيادە خوشاللىق ۋە قايغۇ سالامەتلىككە زىيانلىق. 

   يۇمۇرلۇق بولۇش. يۇمۇرلۇق كىشىلەر كۆڭۈلسىزلىك،قايغۇ-ھەسرەتلەرگە بىمالال تاقابىل تۇرالايدۇ.خوشال-خورام يۈرسە،ئادەم ياشىرىدۇ.كۈلكە يۇمۇرغا يۇغۇرۇلغان بولىدۇ،كۈلكە يۇمۇرنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى. 
 
شۈكۈر قانائەت قىلىش. ياشانغانلار تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈشى، كەلگۈسىگە تەلپۈنىشى لازىم.توققۇزى تەل بولۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالماي،رېئاللىققا ئۈمىدۋارلىق بىلەن يۈزلىنىشى كېرەك.شۇنداق قىلغاندىلا كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ساقلانغىلى،تۇرمۇشنىڭ لەززىتىدىن بەھىر ئالغىلى بولىدۇ. 
 
   كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇش. ياشانغانلار ئىلگىركى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ،ئازابلىق،قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنى ئويلاۋەرسە،روھىي ھالىتىگە بىر خىل بىسىم پەيدا قىلىۋالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن كەيپىياتى جىددىيلىشىپ،سالامەتلىككە زىيەن يەتكۈزۋالىدۇ.شۇڭا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەسىلەن،خاپا بولغاندا ياخشى تەرەپلەرنى كۆپرەك ئويلاش،كۆڭۈللۈك ئىشلارنى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنتۇپ،كەيپىياتنى ياخشىلاش لازىم. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تەم خاراكتېر بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى جىددى ئاچچىقلانسا بولمايدىغان كىشىلەرنى بىلەمسىز؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .