ئامېرىكا پىسخولوگلىرى ئادەمنىڭ خارەكتېرى بىلەن تەمنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى

   ئامېرىكا پىسخولوگلىرى ئادەمنىڭ خارەكتېرى بىلەن تەمنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان . 

  تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراق ئادەم ئوچۇق - يورۇق ، چىقىشقاق ، ئەمما بەزىدە ئاجىز ، جۈرئەتسىز ، خەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولىدىكەن . 
 
  چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرگە ئامراق ئادەم كەسىپچانلىقى كۈچلۈك ، ئەمما ئىچ مىجەز ، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالمايدىغان بولىدىكەن . ئىش قىلغاندا دائىم تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدىكەن . 
 
  ئاچچىق يېمەكلىككە ئامراق ئادەم ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلدىكەن ، ئۆزگىچە پىكىرگە ئىگە ئىكەن . ئەمما بەزىدە باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەشكە ئامراق كېلىدىكەن . 
 
  تۇزلۇق يېمەكلىككە ئامراق ئادەم ئېغىر بېسىق ، ئەدەبلىك بولۇپ پىلانلىق ئىش قىلىدىكەن ، خىزمەتنى قېتىرقىنىپ ئىشلەيدىكەن ، ئەمما كىشلەر ئوتتۇرسىدىكى ھېسياتقا سەل قارايدىكەن . 
 
  تۇزسىز يېمەكلىككە ئامراق ئادەم كىشلەر ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىگە ئەھمىيەت بېرىدىكەن . ئەمما ئۆزى مۇستەقىل ئىش قىلالمايدىكەن . 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا خاپىلىق تارتقىنىڭىزدا تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ پىسخىكا ئامىلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .