قاتتىق خاپىلىق ياكى رەنجىش روھىي ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ دۈشمىنى ، شۇڭا سىز تۇرمۇشتا قاتتىق خاپىلىقتىن ساقلىنىشڭىز كېرەك ئەگەر خىزمەت ياكى ئائىلە ئىشلىرىدا بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىسىڭىز تۆۋەندىكىدەك چارىلەرنى قوللىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ :

  1.ئۆزىڭىزگە ھاي بېرىپ ، خاپىلىقنىڭ زىيىنىنى كۆپرەك ئويلاڭ ھەم ‹‹ خاپا بولۇش ئۆزىنى – ئۆزى جازالاش›› دېگەن سۆزنى ئۇنتۇپ قالماڭ . 
 
  2. كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرگەندە ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان شىئىر ياكى ھىكايىلەرنى ئوقۇڭ . ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاڭ . 
 
  3. دوست– بۇرادەر ياكى ئۇرۇق – تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، بېشىڭىزدىن ئۆتكەن كۆڭۈلسىز ئىشلار ئۈستىدە پاراڭلىشىڭ ياكى ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەمرالىقىدا كوچىغا چىقىپ ئايلىنىڭ ، مەنزىرلىك جايلارغا بېرىپ سەيلە قىلىڭ . 
 
  4. خاپا بولغان چاغلاردا ھاراق ئىچىپ مەست بولۇش ، ئارقا – ئارقىدىن تاماكا چېكىش ، نەرسىلەرنى تاشلاش ، قاچا – قۇچىلارنى ئۇرۇپ چېقىشتىن ساقلىنىڭ . 
 
  5. خاپىلىق تارتقان چاغلاردا ھەرگىز ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ ، رەتلىك ، پاكىز كىيىنىڭ ، شۇنداقتا روھلۇق كۆرۈنىسىز ، غەمدىن خالىي بولىسىز . 
 
  6. ئاچچىقىڭىز يانغاندا ، نېمە ئۈچۈن خاپا بولۇپ رەنجىگنىڭىز توغرىسىدا ئويلاپ كۆرۈڭ ۋە تەھلىل قىلىڭ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا يىغلاش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تەم خاراكتېر بىلەن مۇناسىۋەتلىك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .