كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر دائىم يىغىنى ئازاب ۋە ھەسرەتنىڭ ، كۈلكىنى خۇشاللىق ۋە ساغلاملىقنىڭ ئىپادىسى ، دەپ قارايدۇ ئەمەلىيەتتە يىغا كۈلكىگە ئوخشاشلا سالامەتلىككە پايدىلىق


    ئالىملارنىڭ بايقىشىچە ، ئادەم ھېسسىيات جەھەتتە زەربىگە ئۇچرىسا ، مەسىلەن ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىسا ، ئازار يېسە ياكى روھىي جەھەتتە يۈكى ئېغىرلاپ ، كەيپىيات جىددىيلەشسە ، بەدەندە بەزى زەھەرلىك ماددا پەيدا بولىدىكەن . بۇ ماددىنى تازىلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يىغلاش بولۇپ ، ياش ئارقىلىق بۇ ماددىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئادەمنىڭ كەيپىياتىمۇ تۇراقلىشىپ ، كۆڭلى ئارام تېپىپ قالىدۇ .
 
    نۆۋەتتە ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى ئەرلەردىن ئومۇميۈزلۈك ئۈستۈن ئورۇندا تۇرماقتا . بۇنىڭ سەۋەبى ئەلۋەتتە كۆپ خىل بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى بىر خىل قاراشقا ئاياللارنىڭ ئۆمرىدە يىغلاش قېتىم سانى ئەرلەنىڭكىدىن كۆپ بولۇشى ئاياللارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن . 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا روھىى ھالەت ۋە خۇشاللىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى خاپىلىق تارتقىنىڭىزدا توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .