روھىي ھالەت كىشلەرنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ئاكتىپ روھىي ھالەتتىكى كىشلەر دائىم خۇشال–خۇرام ياشىسا ، پاسسىپ روھىي ھالەتتىكى كىشلەر روھسىز ، چۈشكۈن ، سۇلغۇن كەيپىياتتا ياشايدۇ ئاسان چېچىلىپ ، كۆپ گەپ خالىمايدىغان ، باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئىنكار قى

   قانداق قىلغاندا ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلاپ خۇشال–خۇرام ياشاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ ؟
 
   ئۈمىدۋارلىق پىسخىكىسىنى تۇرغۇزۇڭ : ئۈمىد — ئىنسان روھىنى ئۇرغۇتۇپ ، چۈشكۈنلۈكنى يوقىتىدىغان ئۈنۈملۈك دورا . ئەگەر سىز ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلاپ خۇشال–خۇرام ياشاشنى ئويلىسىڭىز ، روھىڭىزنى چۈشۈرۈپ سىزگە ئازاب ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنى ئامال بار ئويلىماڭ . گۈزەل ئەسلىمىلەردىن ھوزۇرلىنىش ، كۆڭۈللۈك كەچۈرمىشلەرنى ئويلاپ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇش —كىشىنى ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلاشقا ئۈندەيدۇ .
 
   كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ : كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق مىسكىن كۆڭۈلگە تەسەللىي تاپقىلى ، ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ياراتقىلى بولىدۇ . كىتابتىكى كۆڭلىڭىزگە ياققان ياكى روھىڭىزنى كۆتۈرۈپ قەلبىڭىزگە شادلىق ، ئازراق بولسىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلىپ ، سىزدە ئاكتىپ روھىي ھالەت پىسخىكىسىنى ئويغىتالايدىغان قۇرلارنى خاتىرىڭىزگە كۆچۈرۈۋېلىپ ، پات–پات ئوقۇپ تۇرۇڭ . كىتابتىكى ئاشۇ ئاددىي قۇرلارغا مۇجەسسەملەنگەن ھېكمەت دۇردانىلىرىنىڭ قەلبىڭىزدە ئاكتىپ روھىي ھالەت پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىسى بولىدۇ .
 
   ئېغىر بېسىق ، سوغۇق قان پوزىتسىيەسىدە بولۇڭ : ھەر قانداق بىر ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئوبدان ئويلىنىپ ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىشقا تىرىشىڭ.
 
   ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز تەسەللى بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ : ئۆزىڭىزنى بەزلەشكە ماھىر بولۇڭ ، كۆڭۈلسىزلىككە يولۇققاندا ، ئۆزىڭىزگە تەسەللى بېرىشنى ئۇنتۇماڭ .
 
   ئىشەنچ تۇيغۇسى تۇرغۇزۇڭ : ئىشەنچ ئادەم روھىنى ئۇرغۇتىدۇ . ئىرادىنى چىڭىتىپ يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كەيپىياتنىڭ ناچارلىشىشى يېمەك – ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يىغلاش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .