كەيپىياتنىڭ ناچارلىشىشىغا ۋىتامىن B، ۋىتامىن C لارنىڭ كەملىكىلا ئەمەس، كالتسىي، مىس، تۆمۈر، ماگنىي ۋە كالىي قاتارلىق مىنېرال ئېلېمېنتلارنىڭ كەملىكىمۇ سەۋەب بولىدۇ

   ئاشلىق، ئورۇق گۆش، ياغ مىقدارى كۆپ بېلىق گۆشى، قاسراقلىق يېمەكلىكلەر ۋە تۇخۇمنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ۋىتامىن B  توىنىپ، كەيپىيات ياخشىلىنىدۇ.

قۇرۇق مېۋىلەر تەركىبىدە كالىي بىلەن تۆمۈر، كۆكتاتگۈل، كاۋا – قاپاق تۈرىدىكى كۆكتاتلار تەركىبىدە ۋىتامىن C، يازلىق يېسىۋىلەك تەركىبىدە كالتسىي، ماگنىي ۋە تۆمۈر كۆپ بولىدۇ. بۇ يېمەكلىكلەر كۆپ ئىستېمال قىلىنسىمۇ، كەيپىيات ياخشىلىنىدۇ.
 

 
   قەھۋە كەيپىياتنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ. ئۇيقۇ ياخشى بولمىسا، كەيپىيات ناچار بولىدۇ. يېمەكلىك ئەكس تەسىر قىلىدىغانلارنىڭ كەيپىياتى ھەمىشە ناچار بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بەزى يېمەكلىكلەردىن پەرھز تۇتۇپ، كەيپىياتىدا قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا قاراپ باقسا بولىدۇ.
 
 ئۇرۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تۇرمۇش نىشانى بارلار ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى روھىى ھالەت ۋە خۇشاللىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .