ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار 300 مىڭ ئادەم ئۈستىدە سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنداق نەتىجىگە ئىگە بولدى : ئىجتىمائى مۇناسىۋىتى نورمال كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئىجتىمائى مۇناسىۋەتكە سەل قارايدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا %50 تۆۋەن بولىدىكە

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان نورمال ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ئائىلىسىدىكىلەر ، دوستلار ۋە قوشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۆرستىدۇ . بۇ خىل مۇناسىۋىتى مۇكەممەل كىشلەر يەككە يېگانە يۈرىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا 3.7 يىل كۆپ ئۆمۈر كۆرىدىكەن.
 
   تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېيىشتى : ئىجتىمائى مۇناسۋەت تورىدىكى نورماللىق كىشىلەرنىڭ ئۆمرىگە كۆرستىدىغان تەسىر تاماكا تاشلىغانغا باراۋەر بولىدۇ ، قالايمىقان ۋە بىنورمال مۇناسىۋەت خۇددى ھاراقنى كۆپ ئىچىۋالغانغا ئوخشاش ئۆمۈرگە ئىكەك سالىدۇ .
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا توققۇز خىل پوزىتسىيە خاپىلىقنىڭ مەنبەسى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تۇرمۇش نىشانى بارلار ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .