نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىجاچانلىق ئىقتىدارى بىلەن ئەقلىي كۈچنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە

  نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىجاچانلىق ئىقتىدارى بىلەن ئەقلىي كۈچنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بەرھەق . لېكىن ئەنگىلىيەلىك پىسخولوگ ، دوكتور سىتافورد 18 ياشتىن 53 ياشقىچە بولغان 86 ئادەم ئۈستىدە ئىجادچانلىق ئىقتىدارى بويىچە سىناق ئېلىپ بارغان ھەمدە سۇئال -جاۋاب شەكلىدە تەكشۈرگەن ، ئاخىرىدا بۇ كىشلەرنىڭ مىجەز ئالاھىدىلىكىنى تۈرگە ئايرىغاندىن كېيىن ، مۇنداق نەتىجىگە ئىگە بولدى : ‹‹ئىچ مىجەز كىشلەرگە قارىغاندا ، ئوچۇق-يورۇق كىشلەرنىڭ ئىجادچانلىق ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ ، يەنى ئىجادچانلىق ئىقتىدارى بىلەن مىجەز-خاراكتېرنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ ›› .
 
    دوكتۇر ستافورد مۇنداق دېدى : ‹‹ ئادەمنىڭ مىجەزى قانچىلىك ئوچۇق بولسا ، چوڭ مېڭىدىكى دوبامىننىڭ ھەرىكىتىمۇ شۇنچىلىك ئاكتىپلىشىپ كېتىدۇ ، بۇنىڭ نەتىجىسى ئادەمدە ئىجادچانلىق ئىقتىدارىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن گەۋدىلىنىدۇ . بۇ بايقاشنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى ، كىشلەرنىڭ مىجەز-خاراكتېرىگە ئاساسەن خىزمەت تاللىشىغا ياردەم بېرىدۇ ›› .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا سەمىمىي كۈلىدىغانلارنىڭ ئۆمرى ئۇزاق بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى توققۇز خىل پوزىتسىيە خاپىلىقنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .